خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز دىلشات ئالىم خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق 7-نۆۋەتلىك ياشلار-ئۆسمۈرلەر پەن- تېخنىكا بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى ۋە ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى 4-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، نۇقتىلىق مۇسابىقە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئاپتونوم رايونلۇق ياشلار-ئۆسمۈرلەر تەقلىدىي ئۇچۇش مائارىپ مۇسابىقىسى ۋە قەغەز ئايروپىلان مائارىپ ئاشكارا مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى، جەمئىي 63 كوماندىدىن 846 ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشتى.
بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئاپتونوم رايونلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى، مائارىپ نازارىتى، پەن- تېخنىكا نازارىتى، ئىتتىپاق كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى قاتارلىقلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھى ۋە ئەمەلىي ئىقتىدارىنى يېتىشتۈرۈش، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ياشلار- ئۆسمۈرلەر ۋە پەن- تېخنىكا يېتەكچىلىرىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى بويىچە كۆرگەزمە ۋە ئالماشتۇرۇش سۇپىسى ھازىرلاپ بەردى.
ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ۋەكىللەر كوماندىسى بۇ قېتىمقى پەن–تېخنىكا بايرىمىدا جەمئىي 11 ئوقۇغۇچىنى تەقلىدىي ئۇچۇش ۋە قەغەز ئايروپىلان ئاشكارا مۇسابىقىسى پائالىيىتىگە قاتناشتۇرغان بولۇپ، تۆت تۈرلۈك تەقلىدىي ئۇچۇش، ئىككى تۈرلۈك قەغەز ئايروپىلان تۈرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتە تۈرلۈك مۇسابىقىگە قاتناشتى، ئىككى كۈنلۈك كەسكىن مۇسابىقە ئارقىلىق، تەقلىدىي ئۇچۇش مائارىپ مۇسابىقىسىدە سەككىز تۈردە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى تۈردە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، بىر تۈردە ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى؛ قەغەز ئايروپىلان مائارىپ ئاشكارا مۇسابىقىسىدە توققۇز تۈردە بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئىككى تۈردە ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، ئاۋات ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ ۋەكىللەر كوماندىسى جەمئىي تۆت ئالتۇن مېدال، بەش كۈمۈش مېدال، ئۈچ مىس مېدالغا ئېرىشتى، 11 ئوقۇتقۇچى مۇنەۋۋەر يېتەكچى بولۇپ باھالاندى، بىر ئوقۇتقۇچى ئاپتونوم رايوننىڭ 6-نۆۋەتلىك يېڭىلىق يارىتىش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاۋات ناھىيەلىك 4- ئوتتۇرا مەكتەپ «مۇنەۋۋەر تەشكىللىگۈچى ئورۇن» بولۇپ باھالاندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى