باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «پىكىر» تارقىتىپ، «يۇندى ياغ»نى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتتى

2017.04.25 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېقىندا «<يۇندى ياغ>نى تۈزەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، راۋانلاشتۇرۇش بىلەن توسۇشنى بىرلەشتۈرۈش، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، «يۇندى ياغ»نى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جايلار، تارماقلار «يۇندى ياغ»نى تۈزەش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشتى. لېكىن «يۇندى ياغ»نى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى تېخى ئۈنۈملۈك بەرپا قىلىنماي، قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەر پات-پات يۈز بەردى. جايلار، تارماقلار «يۇندى ياغ»نى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى نۆۋەتتىكى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى قىلىپ، مەنبەدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، زىيانسىزلاندۇرۇش ۋە ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كارخانىنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش جەھەتلەردە كۈچ سەرپ قىلىپ، «يۇندى ياغ» قانۇنغا خىلاپ جىنايىتى شەكىللىنىش تۇپرىقىنى نېگىزىدىن يوقىتىپ، خەلقنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  «پىكىر»دە «يۇندى ياغ»نى ھەر تەرەپلىمە تۈزۈشنىڭ بەش جەھەتتىكى سىياسەت-تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچى، كارخانىنىڭ سۇبيېكتىپ مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىش. ئىككىنچى، زىيانسىزلاندۇرۇش ۋە ئۇنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش كارخانىلىرىنى يېتىشتۈرۈش. ئۈچىنچى، يانداش تەدبىر ۋە تېخنىكا ئۇسۇللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش. تۆتىنچى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش. بەشىنچى، «يۇندى ياغ» قانۇنغا خىلاپ جىنايىتىگە قاتتىق زەربە بېرىش.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر