باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گۇيجۇ ئۆلكىسىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدە تۇرۇشلۇق تۇنجى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار تەپتىشى ئىشخانىسى قۇرۇلدى

2017.04.24 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇيجۇ ئۆلكىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، گۇيجۇ ئۆلكىسى پەنشيەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ پەنشيەن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدا تۇرۇشلۇق قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار تەپتىشى ئىشخانىسى يېقىندا ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىدا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغان. بۇ، گۇيجۇ ئۆلكىسىدە تەپتىش سىستېمىسىدىن ج خ ئىدارىسىغا ئەۋەتىلگەن تۇنجى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار تەپتىشى ئىشخانىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايى ئىشلار تەپتىشى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنسا، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى تەھقىقلەش پائالىيىتىنى نازارەت قىلىش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ياشلار- ئۆسمۈرلەرنى ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، جىنايى ئىشلار جىنايەتچىلىرىگە ۋاقتىدا، توغرا زەربە بەرگىلى بولىدىكەن.

  پەنشيەن ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇ ئىشخانىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت چارىسىنى تۈزۈپ چىقىپ، قۇرامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى ئۈن-سىنغا ئېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى قۇرۇپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى ۋە جىنايەتكە چېتىلىدىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر