باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋاڭ يى: مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت مۇنبىرى «بىر بەلباغ بىر يول»بەرپا قىلىشقا ئىدىيە ۋە مەدەنىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ

2017.04.24 14:45         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرىمىز ۋاڭ يى تۈنۈگۈن ئافېنادا گىرېتسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە: مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت مۇنبىرى «بىر بەلباغ بىر يول» ھەمكارلىقى بەرپا قىلىشقا ئىدىيە ۋە مەدەنىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ دېدى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: گىرېتسىيە «مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت مۇنبىرى»نى تۇنجى بەرپا قىلدى، بۇ نۆۋەتتىكى خەلقئارا ۋەزىيەت ئېنىقسىز بولۇۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە خاس ۋە ئىجابىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى «تىنچ ھەمكارلىشىش، سىغدۇرۇشچان ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك ئېلىش، تەڭ پايدا يەتكۈزۈپ ئورتاق غەلىبە قىلىش»تىن ئىبارەت يىپەك يولى روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، قەدىمىي يىپەك يولىغا يېڭى دەۋرنىڭ مەزمۇنىنى قوشۇشتىن ئىبارەت. «مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت مۇنبىرى» بىلەن «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشى بىر بىرىگە باغلانغان بولۇپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى بىرلىكتە بەرپا قىلىشقا ئىدىيە ۋە مەدەنىي كۈچ ئاتا قىلىدۇ ۋە قوللايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر