باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ياتۇر يېزىسىدا 338 كىشىگە 125 مىڭ 19 يۈەن ياردەم مەبلىغى تارقىتىپ بىرىلدى

2017.04.17 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئاپرىل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋەر قىلىدۇ) 15-ئاپرىل، باي ناھىيەسىنىڭ ياتۇر يېزىسىدا ياردەم پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. مۇراسىمدا «تۆت پېشقەدەم»لەر، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئائىلىلىرى، ئېغىر كېسەللەر، 80 ياشتىن ئاشقان ياشانغانلار قاتارلىقلار بولۇپ 338 كىشىگە «ئۈچ ئەل» خىزمەت ئەترىتى كادىرلىرى، ناھىيەلىك، يېزىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ نازارەت قىلىشى ئاستىدا، نەق مەيداندا 125 مىڭ 19 يۈەن ياردەم مەبلىغى تارقىتىلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئىللىقلىقى يەتكۈزۈلدى.

  پېشقەدەم كادىر راخمان نىياز مۇنداق دېدى: «مەن ياشىنىپ ھەركىتىم قولايسىز بولغاچقا، خىزمەتچى خادىملار ياردەم پۇلىنى ئالاھىتەن ئۆيۈمگە ئەكىلىپ بەردى، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە، كادىرلارغا كۆپ رەھمەت. مەن چوقۇم پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى، پېشقەدەم كادىرلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئائىلەم ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنى ياخشى يېتەكلىگەندىن باشقا، ھەر بىر سۆز ـ ھەرىكىتىم ئارقىلىق قولۇم-قوشنا ۋە ئەتراپىمدىكى ئاممىغا ياخشى تەسىر كۆرسىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ئاساسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن تېگىشلىك رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن».

  كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سەمەت راخمان ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھازىر دېھقانلارغا ئاشلىق تېرىش تولۇقلىمىسى، باقمىچىلىق تولۇقلىمىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى تولۇقلىمىسى، ئۆي سېلىش تولۇقلىمىسى، قىيىنچىلىقى بارلارغا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى پۇلى تارقىتىلىۋاتىدۇ. بىز چوقۇم پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ھازىرقى ياخشى سىياسىتىدىن مىننەتدار بولۇشىمىز، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيە باشلىغان يولغا مېڭىشىمىز كېرەك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر