- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۈن جىنلۇڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى
2017.04.06 14:40 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 7- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىدا، 4-ئاينىڭ 5-كۈنى سۈن جىنلۇڭ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ شۇجىلىقىغا سايلاندى.
سۈن جىنلۇڭ، ئەر، خەنزۇ، 1962- يىلى 1-ئايدا تۇغۇلغان، خۇبېينىڭ جۇڭشاڭدىن، 1986-يىلى 4-ئايدا پارتىيەگە كىرگەن، 1982-يىلى 8-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، ئاسپىرانت ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، ئىقتىسادشۇناسلىق دوكتورى، ئالىي ئىنژېنېر.
2016-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى (مىنىستىر دەرىجىلىك)، سىياسىي كومىسسارى بولغان.
2016-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، سىياسىي كومىسسارى، جۇڭگو شىنجيەن گۇرۇھى شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى بولغان، (مىنىستىر دەرىجىلىك).
17- ۋە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى.
10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى.
سىياسىي كېڭەش 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. (قىسقىچە تەرجىمىھالى جۇڭگو ئىقتىساد تورىدىن ئېلىندى)
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر