باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

نىلقا ناھىيەسىنىڭ جىرىنتاي سايلىقى برونزا دەۋرى مەھەللە خارابىسى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى

2017.01.26 13:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز نەبىجان ئەخمەت خەۋىرى) مۇخبىرنىڭ يېقىندا نىلقا ناھىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 2016-يىلىدىكى جۇڭگو ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشقا تاللانغان ۋە كىرگۈزۈلگەن تۈرلەر ئېلان قىلىنغان بولۇپ، نىلقا ناھىيەسىدىكى جىرىنتاي سايلىقى برونزا دەۋرى مەھەللە خارابىسى 2016-يىللىق جۇڭگونىڭ ئالتە تۈرلۈك ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.

  جىرىنتاي سايلىقى خارابىسى نىلقا ناھىيەسىنىڭ كۆكخوتقور موڭغۇل مىللىي يېزىسى چالغىر كەنتىگە، ئىلى دەرياسى ئۈچ چوڭ تارماق ئېقىنىنىڭ بىرى بولغان قاش دەريا تاغ ئېغىزىنىڭ شىمالىي قىرغىغىغا جايلاشقان. ئىككى تەرىپىنى ئېگىز تاغلار ئوراپ تۇرىدىغان، ئوت-چۆپلىرى مول، ئولتۇراقلىشىشقا ۋە چارۋىچىلىققا ماس كېلىدىغان بولغاچقا، قەدىمدىن تارتىپ كۆڭۈلدىكىدەك چارۋىچىلىق ماكانى بولۇپ كەلگەن. بۇ خارابە بۇنىڭدىن 3200 يىلدىن 3500 يىللار بۇرۇنقى برونزا دەۋرى مەھەللە خارابىسى بولۇپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قېتىم بايقالغان كەڭ كۆلەملىك مىس قوراللار دەۋرى خارابىسى ھېسابلىنىدۇ.

  2015- ، ۋە 2016-يىلى شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات ئورنىنىڭ تارىخىي خارابە ئارخېئولوگىيە بۆلۈمى نىلقا ناھىيەسى جىرىنتاي سايلىقى خاربىسىنى قېزىپ كۆمۈر، كۆمۈر داشقىلى ۋە كۆمۈر كۈلىنى بايقىغان. بۇ بايقاشلار برونزا دەۋىردىلا بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ كۆمۈر ئىشلەتكەنلىكى ئىسپاتلانغان. مىس، ساپال، پۈۋلەپ چېلىنىدىغان چالغۇ، كۆمۈر داشقىلى، كۆمۈر كۈلى قاتارلىق ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار بۇ يەردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ برونزا دەۋىردىلا رودا تاۋلاش ۋە قۇيۇش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى دەلىللىگەن. خارابىدىكى مۇكەممەل ئۆي سېلىش ئۇسۇلى ۋە ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىلار قاش دەريا ۋادىسىنىڭ برونزا دەۋرىدە مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر