باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوشماق تۇغقانلار كۈلكە-تەبەسسۇم ئىچىدە چاغاننى كۈتۈۋالدى

2017.01.26 13:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇبارەك مەخمۇت خەۋىرى) 1- ئاينىڭ 17-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ توخۇلا يېزىسى قۇرۇل كەنتىنىڭ ھويلىسى ئادەتتىن تاشقىرى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن بولۇپ، يۇرتداشلارنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلىنەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق گېئولوگىيە ۋە كان بايلىقلىرى ئاكادېمىيەسى ۋە گېئولوگىيە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 90 نەپەر كادىر ئونسۇغا كېلىپ، قۇرۇل دېھقانلىرى بىلەن ھەمكارلىق، دوستلۇق، ئۇرۇق-تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەممە يەرنى كۈلكە ساداسى قاپلىدى.

  گېئولوگىيە كادىرلىرى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن بەش ئادەم بىر گۇرۇپپا بولۇپ، ھەر قايسىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئېچىلىپ-يېيلىپ پاراڭلشىپ، ھال-مۇڭ بولۇشتى، تەييارلاپ قويغان ئالاقىلىشىش كارتىسىنى تۇغقانىلىرىغا سوۋغا قىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»، قوشماقلىشىپ ئۇرۇق-تۇغقان بولۇشتىكى ئائىلە ئەھۋالىنى تىزىملاش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، ئۆز-ئارا سوۋغات تەقدىم قىلىشىتى ۋە پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر بىلەن بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  يىراقتىن كەلگەن گېئولوگىيە كادىرلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ تۇغقانلىرى بىرلىكتە مەززىلىك پولۇغا داخىل بولدى. تاماقتىن كېيىن، شوخ ئۇسسۇل مۇزىكىسىنىڭ قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلار تولۇپ-تاشقان خۇشاللىق ئىچىدە قول تۇتۇشۇپ سەھنىگە چىقىپ، خۇشاللىق مەشرىپىگە جۆر بولدى، ئەۋرىشىم ئۇسسۇل ھەرىكەتلىرى سورۇنغا ھۆسن قوشۇپ، سورۇن ئەھلىنىڭ چېھرىدە خۇشاللىق جىلۋىلەندى.گېئولوگىيە ۋە كان بايلىقلىرى ئىدارىسىدىكى كادىرلار ۋە يۇرتداشلار ئۆز-ئارا ئالاقىلىشىش نومۇرىنى قالدۇرۇشۇپ، بىر-بىرى بىلەن كۆزى قىيمىغان ھالدا خوشلاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر