خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئايگۈل مەمىتمىن خەۋىرى) يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ھال سوراش گۇرۇپپىسى «ئۈچ پېشقەدەم»لەرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ زىيارەت قىلىش، ھال سوراش ۋە ئۇلارنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ئۇتام يېزىسىدىكى پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى ياسىن ئىبراھىم ھال سوراش گۇرۇپپىسى ئېلىپ كەلگەن 500 يۈەن ھال سوراش پۇلىنى ئېلىپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان ئالەمشۇمۇل زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرمەكتە، دۆلەتنىڭ بارلىق سىياسەتلىرى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بارغانسېرى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. مەن ھازىر ياشىنىپ قالغان بولساممۇ پارتىيە، ھۆكۈمەت مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ھەر ئايدا ئىش ھەققى تەمىناتىنى ۋاقتىدا بېرىۋاتىدۇ، مەن ھازىرقى تۇرمۇشۇمدىن ئىنتايىن رازى، چىن كۆڭلۈمدىن خۇشال بولدۇم !
ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكىلەر ھەر بىر جايغا بارغاندا «ئۈچ پېشقەدەم»لەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى، ھازىرقى تۇرمۇش ئەھۋالى، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئائىلە ئەزالىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. 73 ياشلىق ياڭ پىيداۋ ئىلگىرى ۋاششەرى بازىرى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇپ 20 نەچچە يىل ئىشلىگەن، ھازىر سالامەتلىكى ياخشى بولمىغاچقا پەرزەنتلىرى نۆۋەتلشىپ قاراۋاتىدۇ. ھال سوراش گۇرۇپپىسى بۇ بوۋاي بىلەنمۇ قىزغىن پاراڭلاشتى، ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. ناھىيەلىك پارتكوم ئاساسىي قاتلام ئىشخانىسى مۇدىرى ۋۇ جىچياڭ بوۋايغا سەمىمىيلىك بىلەن: « سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇش دەۋرىدە، «ئۈچ پېشقەدەم»لەر پارتىيە ئىشلىرىغا كۆپ كۈچ چىقىرىپ، زور تۆھپە قوشقان، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت سىلەرنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ، سىلەر دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، چوقۇم ئۆزىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ، دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى بەش ھال سوراش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ 105 «ئۈچ پېشقەدەم»نى 55 مىڭ 500 يۈەن نەق پۇل بىلەن يوقلىغان ۋە چاغانلىق ھال سورىغان.
سۈرەتتە: ناھىيەلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ھال سوراش گۇرۇپپىسىدىكى رەھبەرلەر «ئۈچ پېشقەدەم»لەردىن ھال سورىماقتا
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى