باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ئەگەر قاپىقىڭىز توختىماي تارتسا، نېرۋا كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە كۆرۈنۈپ بېقىڭ

2017.01.25 10:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەگەر قاپىقىڭىز ئۈچ ئايغىچە توختىماي قايتا-قايتا تارتىپ تۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە كۆزلىرىڭىزدە قۇرغاقلىشىش، كۆز قىچىشىش، كۆزنى كۆپ چىمىلدىتىش ۋە قاپاق تارتىشىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، مەيگي يىغىندى كېسىلىگە گىرىپدار بولۇشتىن ئاگاھ بولۇڭ!

  گەرچە «ئوڭ قاپاق تارتسا بالا-قازادۇر، سول قاپاق تارتسا ئامەت تاپادۇر.»دەيدىغان گەپ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، بىراق، كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزدا بەزىدە قاپىقىمىز تارتىپ كەتسە، بىز ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمەي سەل قارىشىمىز مۇمكىن. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا، ئۇ خىل ئەھۋالنى كۆزنى كۆپ ئىشلىتىشتىن ياكى ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىقتىن بولغان، دەپ ئويلايمىز. بىراق، ئەگەر قاپىقىمىز توختىماي تارتىپ كەتسە، بەلكىم ئۇ، «مەيگي يىغىندى كېسىلىنىڭ ئالامىتى»دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل كېسەللىك ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن.

  كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ قاپىقى تارتسا بىردەمدىلا توختايدۇ، يەنى داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر قىسقا بولىدۇ، شۇڭا، ئادەتتە ئۇنىڭدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز. بەزىدە، يۈز مۇسكۇللىرى تارتىشىپ قالغاندىمۇ قاپاق تارتىپ كېتىش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ. بۇنداق ۋاقىتتا، يۈز مۇسكۇللىرىنى ئوپېراتسىيە قىلغاندىلا، ئۇنى يىلتىزىدىن داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئىككىلا قاپىقىڭىز تەڭ تارتسا، ياكى بىر تەرەپ ئاۋۋال تارتىپ، ئاندىن ئۇ يەنە بىر قاپاققا تەسىر كۆرسەتسە، ھەمدە بۇ خىل ئەھۋال ئۈچ ئايغىچە قايتا-قايتا كۆرۈلسە، ھەم شۇنداقلا كۆز قۇرغاقلىشىش، كۆز قىچىشىش، كۆزنى پات-پاتلا چىمىلدىتىش، قاپاق ئەتىراپىدىكى مۇسكۇل تارتىپ كېتىش، ھەتتا ئېڭەك مۇسكۇلى سىممېتىرىك ھالدا تارتىپ كېتىش دېگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلسە، بۇ، مەيگي يىغىندى كېسىلىگە گىرىپدار بولغانلىق ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. مەيگي يىغىندى كېسىلىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلسە، ئۇ، گۈزەللىككە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، ئۇ ئېغىر بولغاندا، بىمار قىڭغىر بويۇن بولۇپ قېلىش، بېشىنى سىلكىيدىغان بولۇپ قېلىش، پاتىڭى تارتىشىپ بېشىنى ئارقىغا قىلىۋالىدىغان بولۇپ قېلىش، ئىككى مۈرىسىنى يۇقىرىغا سىلكىپ قىسىدىغان بولۇپ قېلىش، پۇت-قولى تارتىشىپ قېلىش، نەپەس بوغۇلۇش، يېمەكلىكنى يۇتۇشتا قىينىلىشىش دېگەندەك ئالامەتلەر پەيدا بولۇشى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىنمۇ چىقالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دىياگنوز قويدۇرۇش لازىم.

  نۆۋەتتە، مەيگي يىغىندى كېسىلىگە تېخى يىلتىزىدىن داۋالاش چارىسى تېپىلمىدى، ئاساسلىقى يەنىلا كېسەلگە قاراپ داۋالاشتىن ئىبارەت. كېسەللىك ئالامىتى يېنىك بولغان بىمارلار ئەگەر كەيپىياتىنى تەڭشەپ تۇرۇش، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلىش، تەڭپۇڭلۇق غىزالىنىش ۋە مۇۋاپىق چېنىقىش قاتارلىقلارغا دىققەت قىلسا، ئۇلار كېسەللىك ئەھۋالىنى بىرقەدەر ياخشى كونترول قىلالايدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىپ بەرسىمۇ كېسەل بولۇش نىسبىتىنى ئازايتالىشى مۇمكىن.كېسەللىك ئالامەتلىرى بىرقەدەر روشەن بولغان بىمارلارغا قارىتا دورا بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولىدۇ، يەنە قىسمەن جايلىرىغا كېرىئوتوكسىن ئوكۇلىنى قويۇشقا بولىدۇ، لېكىن، ئۇ خىل كېسەل ئادەتتە ئىككى-ئۈچ ئايدىن يېرىم يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا قايتا قوزغىلىدۇ، شۇنداق ۋاقىتتا قايتا-قايتا ئوكۇل قىلىپ داۋالاش لازىم. دورا بىلەن داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدىغان، ياكى ئۇنىڭ ئەكس تەسىرى كۈچلۈك بولىدىغان، كېرىئوتوكسىن ئوكۇلىنىڭ ئۈنۈمى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەيدىغان بىمارلار نېرۋا تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە مىكرو زەخىملىك ئوپېراتسىيە بىلەن داۋالانسا بولىدۇ، %80-%90 بىمارنىڭ بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق داۋالىنىشىنىڭ ئۈنۈمى يامان ئەمەس بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر