باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

ھاراقنىڭ زىيىنىنى تۆۋەنلىتىشتىكى بىر قانچە ئۇسۇل

2017.01.25 09:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسپىرتنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى ھاراق ئىچمەسلىك. ئەگەر ئىچمەي بولمىغاندا، تۆۋەندىكى بىر نەچچە خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئىسپىرتنىڭ زىيىنىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ.

  بىرىنچى, ھاراق ئىچىشتىن بۇرۇن ئازراق بىر نەرسە يەۋېلىڭ. بۇنداق قىلغاندا, بىرىنچىدىن، ئاشقازان دىۋارى غىدىقلىنىش ئازىيىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ئىسپىرت ۋە يېمەكلىكلەر ئارىلىشىپ، ئىسپىرتنىڭ قويۇقلۇقى تۆۋەنلەپ،قۇبۇل قىلىنىشى ئاستىلايدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، ئىسپىرت مېتابولىزمى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ئوزۇقلۇق ماددىلار قۇبۇل قىلىنىدۇ. سۈت ۋە پۇرچاق قاتارلىق ئاقسىل ئىچىملىكلىرى، ئالما ۋە كاۋا قاتارلىق تەركىبىدە مېۋە يېلىمى مول بولغان مېۋە-چېۋىلەر، يەنە كۆكتات قاتارلىقلار، ھەمدە ساپ بۇغداي ئۇنىدا قىلىنغان بولكا، قارا شوۋىگۈرۈچ قاتارلىق تەركىبىدە كراخمال ۋە ۋىتامىن B مول بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللاشقا بولىدۇ.

  ئىككىنچى, تۆۋەن گىرادۇسلۇق ھاراقنى تاللاڭ، ھەمدە ئاز-ئازدىن ئاستا ئىچىڭ. ئوخشاش مىقتاردىكى يۇقىرى گرادۇسلۇق ھاراقنىڭ جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا بولغان زىيىنى تۆۋەن گرادۇسلۇق ھاراقتىن ئېغىر بولىدۇ. ھاراقنى ئاستا ۋە ئاز-ئازدىن ئىچىش لازىم، شىددەت بىلەن گۈپۈلدىتىپ ئىچكەندە، ئاسان مەست بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئاشقازان قاتارلىق ئەزالارغا بولغان زىيىنى تېخىمۇ زور بولىدۇ.

  ئۈچىنچى, كۆپ خىل ھاراقنى قالايمىقان ئارىلاشتۇرۇپ ئىچمەڭ. ھەرخىل ھاراقلارنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە، ئادەم بىلىپ بىلمەيلا ھاراقنى زىيادە كۆپ ئىچىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت , ئىككى خىلدىن ئارتۇق ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكەندە يەنە مەلۇم «ماسلىشىش تەسىرى» پايدا بولۇپ، تېخىمۇ ئاسانلا باش قېيىش، ئىچى ئېلىشىش, قۇسۇش ۋە باشقا زەھەرلىنىش ئالامەتلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، بۇنىڭ ئادەم بەدىنىگە بولغان زىيىنى تېخىمۇ چوڭ.

  تۆتىنچى, ئاق ھاراق ۋە سېرىق ھاراقنى ئىللىتىپ ئىچىڭ. قىزىتىش جەريانىدا، مېتىل ئالكوھول, ئالدېھىد ۋە ئېفىر قاتارلىق ئورگانىك بىرىكمىلەر تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپىرتمۇ مەلۇم مىقتاردا پارغا ئايلىنىپ كېتىپ، ھاراقنىڭ قويۇقلۇقىنى سەل تۆۋەنلىتىپ، جىگەرگە بولغان زەخمىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.

  بەشىنچى, ھاراق ئىچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا قايناقسۇنى كۆپرەك ئىچىپ بېرىڭ. ھاراق ئىچكەن ئارىلىقتا جىقراق قايناقسۇ ئىچكەندە ياكى مېۋە شەربىتى ئىچكەندە، ئىسپىرتنىڭ سۈيدۈكتىن چىقىشىنى تېزلىتىپ، جىگەرنىڭ يۈكىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

  ئالتىنچى, ھاراق مىقدارىنى كونترول قىلىڭ. جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش قوللانمىسىدا مۇنداق تەكلىپ بېرىلدى: قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ بىر كۈندىكى ئىسپىرت سۆمۈرۈش مىقدارى 25 گىرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، يەنى 750 مىللىلېتىر پىۋىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ئۈزۈم ھارىقى 250 مىللىلىتىردىن، ياكى 52 گرادۇسلۇق ئاق ھاراق 50 گرامدىن، 38 گىرادۇسلۇق ئاق ھاراق 75 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ بىر كۈندىكى ئىسپىرت ئىچىش مىقدارى 15 گرامدىن، يەنى 450 مىللىلېتىر پىۋىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى، ياكى ئۈزۈم ھارىقى 150 گرامدىن، 52 گرادۇسلۇق ئاق ھاراق 30 گىرامدىن، 38 گىرادۇسلۇق ئاق ھاراق 50 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ.

  يەتتىنچى, ھاراقنى كېسىدىغان يېمەكلىكلەرنى يەڭ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن ھاراقنى كۆپ ئىچىپ قويۇپ، باش ئاغرىش، باش قېيىش دېگەندەك بىئاراملىق كۆرۈلگەندە، تۇخۇم، سەرەبىل, شوخلا ۋە بانان قاتارلىقلارنى، يەنى ھاراقنى كېسىدىغان بىر قىسىم يېمەكلىكلەرنى يەپ سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر