باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئۈچ مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ چىقىرىپ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى قۇرماقچى

2017.01.05 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ مۇمكىنچىلىك تەتقىقات دوكلاتى يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان.

  بۇ تۈرنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 480 مو، ئۇمۇمىي كۆلىمى 300 مىڭ 460 كۋادرات مېتىر بولۇپ، ئاساسلىق ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيى، تەنتەربىيە زالى، سۇ ئۈزۈش سارىيى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش سارىيى، ئۇنىۋېرسال يېنىك ئاتلېتىكا سارىيى، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ مېھمانسارىيى (ئاخبارات مەركىزى) ھەمدە سودا بىنالىرى، ماشىنا توختىتىش مەيدانى (2860 ماشىنا توختىتىش ئورنى بار) ۋە ئۈسكۈنە ئۆيى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن؛ بۇ تۈرگە ئۈچ مىليارد 800 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، مەبلەغنى تۈر ئىلتىماس قىلغان ئورۇن كۆپ تەرەپتىن غەملەيدىكەن.

  قۇرلۇش پۈتكەندىن كىيىن، مەملىكەتلىك ئۇنىۋېرسال مۇسابىقىلەرنى ئۈستىگە ئالالايدىغان ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تەنتەربىيە مەيدانى قىلىپ ياساپ چىقىلىپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرگە، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەنتەربىيە ئارقىلىق بەدەن چېنىقتۇرۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر