باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جىنبياۋ تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلدى

2017.01.05 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ جىنبياۋ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، بىپەرۋالىق قىلىشقا چېتىشلىق بولغانلىقتىن، تەشكىل تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈۋېتىپتۇ.

  جاڭ جىنبياۋ قىسقىچە تەرجىمىھالى:

  جاڭ جىنبياۋ، ئەر، خەنزۇ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شيەنشيەن ناھىيەسىدىن، 1963-يىلى 11-ئايدا تۇغۇلغان، 1983- يىلى 7-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان، 1990- يىلى 11-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن.

  2005-يىلى 2-ئايدىن، 2006-يىلى 12- ئايغىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان.

  2006-يىلى 12-ئايدىن 2013-يىلى 3- ئايغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ دائىمىي ئىشلار مۇئاۋىن ۋالىيسى بولغان؛

  2013-يىلى 3-ئايدىن 2014-يىلى 1- ئايغىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان؛

  2014-يىلى 1-ئايدىن 2016-يىلى 5- ئايغىچە، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان؛

  2016-يىلى 5-ئايدىن ھازىرغىچە خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

  ئۇ ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر