باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈردى

2016.09.05 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4- سېنتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئايرىم-ئايرىم شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنستىتۇتىغا بېرىپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش توغرىسىدىكى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەكتەپ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ تەكشۈردى ۋە نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئەركىن تۇنياز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەردىن مۇقىملىق خىزمىتى تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇجى چېن چۈەنگونىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىقنى ساقلاش خىزمىتىنىڭ نىشانى ۋە تەلىپى بويىچە، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مائارىپ نازارىتى پارتگورۇپپىسنىڭ شۇجىسى لياڭ چاۋ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر