باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بىر يىلدا 1132 نەپەر ئاساسىي قاتلام كادىرى ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىش قىلمىشى تۈپەيلىدىن جازالاندى

2015.12.15 14:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15-دېكابر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاۋات ناھىيەسى تامتوغراق يېزىسىدىكى 18 كەنت، 56 كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى 1191ئائىلە خۇشاللىققا چۆمدى، ئۇدا ئىككى يىل مەجبۇرلاپ تەقسىم قىلغان 1 مىليون 80 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى ۋاقتى ئۆتكەن كېۋەز ئۇرۇقى ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىلگەن پۇل، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك تۈرتكىسى ئاستىدا ئارقا-ئارقىدىن پاختىكارلارنىڭ قولىغا تارقىتىلدى.

  2014-يىلى 11-ئايدىن 2015-يىلى 10-ئايغىچە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى كەنتلەردىكى پارتىيىلىك كادىرلار ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن دېلولاردىن 1197پارچىنى تەكشۈرۈپ، 1203 كىشىنى بىر تەرەپ قىلدى. 1024كىشىگە پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە چارە بېرىلدى. 108 كىشىگە مەمۇرى ئىنتىزام جازاسى بېرىلدى، 108 كىشىگە مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە چارە كۆرۈلدى. 71كىشى ئەدلىيە ئورگىنىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى. ئـاپتونوم رايون، ۋىلايەت ( ئوبلاست ، شەھەر)، ناھىيە ( شەھەر ، رايون) دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى53 قېتىم تىپىك دېلولارنى ئاشكارا ئېلان قىلدى، 202 تىپىك دېلو مىسالىنى ئاشكارلىدى. ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەن تىپىك مەسىلىلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتى.(مەلىكەم )

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر