باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

باي ناھىيەسىدىكى 4265 نەپەر دېھقان ياش قوش تىل بويىچە تەربىيەلەندى

2015.08.31 20:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاقسۇ ئاخبارات تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى خەۋەر قىلىدۇ) باي ناھىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى بەش سىناق نۇقتا ناھىيەسىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2014 - يىلى 11 - ئايدىن باشلاپ بۇ ناھىيەدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان - چارۋىچىلارنى قوش تىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەندىن بۇيان، تۈرلۈك شەكىللەردىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان - چارۋىچىنى قوش تىل ئۆگىنىش ۋە ئۆگەنگەننى ئىشلىتىشكە يېتەكلىدى. بۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان - چارۋىچى ئاساسلىق بىلىملەرنى ئىگىلىگەندىن سىرت، سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ بېيىش يولىغا ماڭدى.

  تۇردىنىياز مەھەممەت باي ناھىيە مىچىغ يېزىسىنىڭ قۇممەھەللە كەنتىدىكى ياش دېھقان بولۇپ، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن بۇيان ئىزچىل ئائىلە ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللاندى. تىل بىلمىگەنلىكتىن بىر نەچچە قېتىم سىرتقا چىقىپ ئىش تېپىپ ئىشلىمەكچى بولغاندا بۇ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشمىدى.

  باي ناھىيەسى 2014-يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ناھىيەدىكى ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان - چارۋىچىلارنى قوش تىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىگەندىن كېيىن، تۇردىنىياز مەھەممەت كەنتىدە «قوش تىل» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسىغا بىرىنچى بولۇپ تىزىملاتتى. بىر نەچچە ئاي ئۆگىنىش ئارقىلىق، يېقىندا ئۇ خەنزۇ تىلىدا ئاددىي سۆزلەرنى سۆزلىگەندىن سىرت، قىيام شوخىلىسى زاۋۇتىغا پەسىللىك ئىشچىلىققا قوبۇل قىلىندى.

  قوش تىل تەربىيەلەش كۇرسىدا، كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گورۇپپىسى يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوش تىلدا دەرس ئۆتىدىغان ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق كەنتتىكى ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان - چارۋىچىلارغا قوش تىلدا خالىسانە دەرس ئۆتتى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىتاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ باي ناھىيە مىچىغ يېزا قۇممەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گورۇپپىسىنىڭ كادىرى ھوشۇر سادىر مۇنداق دېدى :«ئۆتكەن يىلى بىرىنچى تۈركۈمدە كەنتكە چۈشكەن خىزمەتچى خادىملار بۇ تەربىيەلەش كۇرسىنى ئاچقان بولۇپ، بىزمۇ داۋاملاشتۇرۋاتىمىز. ئۇلار خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگەنسە بىر تەرەپتىن خىزمەت تېپىش، تۇرمۇش، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ياردىمى بولىدىكەن، يەنە بىر تەرەپتىن بوش ۋاقىتلاردا ھاراق ئىچىدىغان، ئۇرۇشۇپ زىددىيەتلىشىدىغان ئىشلار ئازىيىدىكەن، كەنتنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ زور دەرىجىدە پايدىسى بولىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئۆگىنىش كۇرسىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىمىز».

  باي ناھىيە مىچىغ يېزىسىنىڭ 13 كەنتىدە قوش تىل تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، نۇرغۇن ئاز سانلىق مىللەت ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان - چارۋىچىلار قوش تىل تەربىيەلەش كۇرسى ئارقىلىق خەنزۇ تىلى ئاساسىي بىلىملىرىنى ئىگىلىۋالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر بۇ ناھىيەنىڭ ھەر قايسى يېزا - كەنتلىرىدە قوش تىل تەربىيەلەش نوقتىسىدىن 170سى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، 4265 كىشى تەربىيەلەشكە قاتناشماقتا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر