باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدىكى مەنزىرە ساياھەت رايونلىرىغا كاۋاپدان ئېلىپ چىقىپ كاۋاپ پىشۇرغانلار جازالىنىدۇ

2015.07.23 14:38         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىگىلىنشىچە، ئۈرۈمچىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى مەنزىرە ساياھەت رايونلىرىغا ئۆزلىرى كاۋاپدان ئېلىپ چىقىپ كاۋاپ پىشۇرسا 200 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە جەرىمانە قويۇلىدىكەن. 18-ئىيۇل، تومۇزىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن تاغقا چىققان گاۋ ئەپەندى ئورمانلىقتا كاۋاپدان قۇرۇپ كاۋاپ پىشۇرغانلىقى ئۈچۈن جازالانغان.

  گاۋ ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مەنزىرە ساياھەت رايونىغا كىرىش ئېغىزىدا «ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش بىرىنچى» دېگەن ئەسكەرتمە تاختىسىنى كۆرگەن، بىراق ئۇ كاۋاپ پىشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن كاۋاپداندىكى ئوتنى تەلتۆكۈس ئۆچۈرۋەتسەم ھېچقانداق خەتىرى بولمايدۇ، دەپ ئويلىغان.

  ئىگىلىنىشىچە، ھەر يىلى ئاپرېل ئايلىرىدىن ئۆكتەبىرگىچە ئورمان ئوت مۇداپىئە مەزگىلى بولغاچقا، بۇ مەزگىلدە ئورمان ئوت مۇداپىئە رايونىدىكى دالىدا ئوت ئىشلىتىش چەكلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىلەن بىرگە ئورمان رايونى ئىچىدە تاماق ئېتىپ، كاۋاپ پىشۇرۇش قەتئىي مەنئى قىلىنىدىكەن. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمان، ئوتلاق ئوت مۇداپىئە قۇماندانلىق ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋۇ جيەن: يېقىندىن بۇيان داۋاملىق تۈردە يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەچكە، ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتى نۆۋەتتىكى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىمى ھېسابلىنىدۇ، دېدى. ئۇ شەھەر ئاھالىلىرىغا ئورمانلىق رايونغا بېرىپ سەيلە-ساياھەت قىلغاندا تەييار پىششىق يېمەكلىكلەرنى ئېلىۋېلىشنى ياكى كۆرسىتىلگەن يېمەك-ئىچمەك رايونىدا كاۋاپ پىشۇرۇشنى ئەسكەرتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر