باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت زاپىسى 5 مىليارد 600 مىليۇن توننا بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ

2015.07.07 14:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈزۈپ تارقاتقان «شىنجاڭنىڭ ئېنېرگىيە يىللىق دوكلاتى (2014)دا كۆسىتىلىشىچە، 2014-يىلى يىل ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ بايقالغان نېفىت زاپىسى 5 مىليار 600 مىليۇن توننىغا يەتكەن، تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى 1 تىرىليون 400 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. 2014-يىلى نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 385 مىليارد 244 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن بولۇپ، 2009-يىلدىكىدىن %96 ئاشقان. بۇ شىنجاڭدا تۇنجى قېتىم تۈزۈلگەن ۋە تارقىتىلغان ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى يىللىق دوكلات. بۇنىڭدىن كېيىن ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ھەر يىلى قەرەللىك ھالدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئېنېرگىيە دوكلاتىنى تۈزۈپ تارقىتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ جىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭ نېفىتىكى ۋە خېمىيە سانائەت كەسپى جەھەتتە تەرەققىي قىلىپ بازارغا كىرگەن شىركەتتىن توققۇزى بولۇپ، كۆپ قىسىم چوڭ ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلاردا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى ۋە ئېنېرگىيە تىجەش مەركىزى قۇرۇلدى. ئەسلى خام ماتېرىيالى بولغان سانائەت نېفىت خىمىيەسى ۋە ماشىنا ـ ئۈسكۈنە ياساش، پولت ـ تۆمۈر، قاتناش، توقۇمچىلىق، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، يېنىك سانائەت قاتارلىق ئالاقىدار قوشۇمچە سانائەتلەرنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن شەكىللەندى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر