باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىچكىرىدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنى جەلپ قىلىۋاتقان خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى

2015.06.26 20:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  − خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ «بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش»نى جانلىق ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى چاتما خەۋەر(1)

  زېڭ خۇافېڭ، ياڭ يىڭچۈن

  ئىستون ئىلاۋىسى

  ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلغان خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، «بىللە تۇرۇش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى. خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزغا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا، كەنتلەردە قېلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچتى. بۇ يىل 5 - ئايدا بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسى بىلەن ئىتتىپاق كومىتېتى بىرلەشمە پارتىيە ياچېيكىسى ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى ۋە 7 - قېتىملىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا «ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى. بۇ ھەقتە كۆپرەك ئۇچۇرغا ئېرىشىش مەقسىتىدە 6 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بىز خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىغا كېلىپ، مەخسۇس زىيارەتتە بولدۇق.

  يۆ ياڭ كۈلۈپ تۇرۇپ: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، مەندە شىنجاڭنىڭ بىپايان زېمىنىنى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى تۇغۇلدى، دېدى. شىئەنلىك بۇ ئوچۇق - يورۇق قىز شىنجاڭغا كېلىپلا قالماي، يەنە خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خوتەن «شياۋشەن» يەسلىسىگە كەسپىي ئىشتات بىلەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىپتۇ، ئۇ: لايىقىممۇ خوتەندە، بىز بۇ يەردە ماكانلىشىپ قالايلى دەۋاتىمىز، دېدى. يۆ ياڭغا ئوخشاشلا ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە خوتەندىن باشقا جايلاردىن كېلىپ، بۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن جەنۇبىي شىنجاڭدا قېپقالغان نۇرغۇن ئوقۇغۇچى بۇ مۇنبەت زېمىنغا ئۆزىنىڭ ياشلىق باھارىنى تەقدىم قىلىۋاتىدۇ.

  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى كۆپىيىۋاتىدۇ

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر جاۋ مىڭ بىزگە مۇنداق دېدى: ئۇزاقتىن بۇيان، مەكتىپىمىزدىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئاز سانلىق مىللەتنى ئاساس قىلاتتى. ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەكتىپىمىز ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتتى. مەكتىپىمىزدە 21 مىللەتتىن 5000غا يېقىن ئوقۇغۇچى بار. 2005 - يىلى خەنزۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ پەقەت %5.5 نىلا ئىگىلەيتتى.

  2005 - يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ خىزمىتى كومىتېتى ھەم مائارىپ نازارىتىنىڭ ياردىمى ۋە قوللىشى نەتىجىسىدە، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى گەنسۇ، سەنشى، نىڭشيا، چىڭخەي، شەنشى، خېنەن، شەندۇڭ، سىچۈەن، يۈننەن، جياڭشى قاتارلىق ئون نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان.

  خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شاڭچيۇ شەھىرىدىن كەلگەن ۋاڭ يىڭ: ئەينى ۋاقىتتا، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇۋاتقان مەزگىل ئىدى. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش قائىدىسىنى كۆرۈپ، مېنىڭمۇ بۇ مەكتەپتە ئوقۇغۇم كەلدى. مەن غەربىي رايونغا بېرىپ، ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئارزۇ قىلغاچقا، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئۇيغۇر تىلى كەسپىگە تىزىملاتتىم. 2006 - يىلى ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئېشىپ، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىغا قوبۇل قىلىندىم. ئۇيغۇر تىلى كەسپىنى تاللىغاچقا، جەنۇبىي شىنجاڭدا قالىدىغانلىقىم ماڭا ناھايىتى ئېنىق ئىدى، دېدى.

  ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا، 2010 - يىلىدىن 2014 - يىلىغىچە، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كەلگەن 583 ئوقۇغۇچى خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خوتەندە قېلىپ، كۆپ مىللەت ئارىلىشىپ ياشايدىغان مۇھىتقا تېزلا سىڭىشىپ كەتكەن.

  ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار يەنە بۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئەگەشتۈرۈپ كەلدى. 2010 - يىلىدىن بۇيان، 47 ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنغان. ئۇلار ئارىسىدىكى 40 ئوقۇتقۇچى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلاردىن 30غا يېقىنى ماگىستىر ئاسپىرانت. ئىختىساسلىقلارنىڭ كىرگۈزۈلىشى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئوقۇش تارىخى قۇرۇلمىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ مىللەت قۇرۇلمىسىدىمۇ ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى، 2015 - يىلى خەنزۇ ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى %25كە يېقىنلاشتى.

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ناھايىتى كۆپلۈكىنى بايقىدۇق. جاۋ مىڭ مۇنداق دېدى: خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ %70ى قىز بولۇپ، بەش ياتاق بىناسىنىڭ ئۈچى قىزلارنىڭ. ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن باشقا جايلاردىن كەلگەن نۇرغۇن قىز ئوقۇغۇچى ۋە ئايال ئوقۇتقۇچىلار خۇددى ئەينى يىللاردىكى خۇنەنلىك 8000 قىزدەك تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا قېلىپ، ئۇرۇققا ئوخشاش يىلتىز تارتىپ بىخ چىقىرىۋاتىدۇ.

  ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، كۆپ قاتلاملىق ياردەم بېرىشتىن نەپ ئېلىۋاتىدۇ

  بىز خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئاشخانىسىغا تاماق يېگىلى كىرسەك، گۆشسىز پولۇنىڭ تۆت يۈەن، لەغمەننىڭ بەش يۈەن ئىكەنلىكىنى، مەكتەپنىڭ سىرتىدىكى ئاشخانىلاردا بۇ تاماقلارنىڭ بىر - ئىككى ھەسسە قىممەت ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى تۇرمۇش چىقىمىنى ئازايتىش ئۈچۈن، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئون يىلدىن بۇيان مەكتەپ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى قوشۇمچە يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدىكى تاماقلارنىڭ سۈپىتى، مىقدارىغا كاپالەتلىك قىلغان، باھاسىنى ئۆستۈرمىگەن.

  جاۋ مىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەكتىپىمىزدە ئائىلىسىدىكى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشتىن چېكىنگەن بىرمۇ ئوقۇغۇچى يوق. مەكتەپ نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكىنى نەزەردە تۇتۇپ، نامراتلارنى يۆلەيدىغان، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىدىغان خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرغان بولۇپ، نۇرغۇن ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچى نامرات ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان قوشماق بولۇپ، نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىپ كېلىۋاتىدۇ.

  مەكتەپ «مۇكاپاتلاش»، «كەچۈرۈم قىلىش»، «يۆلەش»، «ياردەم بېرىش»، «قەرز بېرىش» قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ياردەم بېرىش - يۆلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان. مەكتەپنىڭ ھەر يىلى نامرات ئوقۇغۇچىلارنى يۆلەشكە، قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىۋاتقان خىراجىتى 8 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ياردەم پۇلغا ئېرىشىۋاتقان ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي ئوقۇغۇچىنىڭ %80تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، 1 - دەرىجىلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى 5000 يۈەن ئىكەن.

  خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئوقۇتقۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئىچكىرى ئۆلكە، شەھەرلەردىن شىنجاڭغا كەلگەن ئوقۇتقۇچىلارغا كۆڭۈل بۆلدى ۋە كۆيۈندى. مەكتەپ ۋە فاكۇلتېت رەھبەرلىرى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى تۇرمۇش مۇھىتى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۆرپ - ئادەتلىرىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ ئاھالىسىنىڭكى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، ئىشنى ئىنچىكە نۇقتىلاردىن باشلاپ، ئۇلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىپ، ئۆرپ - ئادەت، ئادەمگەرچىلىك، يېمەك - ئىچمەك ئادەتلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بەردى. ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە قارىتا، ھەر قايسى تارماقلار قوشماق بولۇشۇپ ياردەم بەردى.

  ئىلگىرى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئىچىدە ماگىستىر ئاسپىرانتتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخى بارلار نىسبەتەن ئاز ئىدى. مەكتەپ بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، «ئوقۇش تارىخى قۇرۇلۇشى»نى يولغا قويدى. ئومۇمەن ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتكەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتى تولۇق بېرىلىپ، ئوقۇش پۇلى، قاتناش پۇلى قاتارلىق خىراجەتلىرىنى مەكتەپ ئۈستىگە ئالدى. 2012 - يىلىدىن ھازىرغىچە، مەكتەپتىكى 15 ئوقۇتقۇچى ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن، يەتتە ئوقۇتقۇچى دوكتور ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتتى، تەربىيەلىنىۋاتقان ۋە يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ماگىستىر ئاسپىرانت ئوقۇتقۇچى 33كە يەتتى، مەكتەپنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتتىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇتقۇچىسى 55كە كۆپەيدى، كۆپىيىش نىسبىتى %45كە يەتتى.

  جەنۇبىي شىنجاڭغا يىلتىز تارتىش، «سۇ كېتىدۇ، تاش قالىدۇ»

  يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا: ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، خىزمەت تاپالامدىم - تاپالمامدىم؟ بۇ، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن بۇ مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دائىم سورايدىغان سوئالى ئىكەن. خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل خادىمى بۇ توغرىلىق توختىلىپ: ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئالالىسىلا خىزمەت تاپالايدۇ، دېدى. ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى كەسكىن بولۇۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە بۇ سۆز ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلغان.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بولۇپمۇ مەركەزنىڭ 1 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، دۆلەت، ئاپتونوم رايون ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئالاقىدار تارماقلار مايىللاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاسانلا خىزمەت تاپالايدۇ، خوتەن ۋىلايىتىگىلا ھەر يىلى 1000دىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ. مەمۇرلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىمۇ نىسبەتەن يۇقىرى. سىزنىڭ ئىقتىدارىڭىز، ئوقۇش تارىخىڭىز بولسىلا، خىزمەت ئىزدەشتىن ئەندىشە قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  جاۋ مىڭ مۇنداق دېدى: مەكتەپنىڭ ئورنى ۋە دەرىجىسى ئېنىق، كۆپ ساندىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار يېزا، كەنتلەردىكى مەكتەپلەرگە تولۇقلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يەسلىمۇ بار. ئوقۇش پۈتكۈزگەن نۇرغۇن ئوقۇغۇچى ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىش شەكلى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭدىكى يېزا - بازار(مەھەللە)لار، يېزىلاردىكى ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرگە قوبۇل قىلىنىپ، «تۆۋەنگە چۈشەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، كېرەككە كېلىدىغان، ياخشى تەربىيەلەنگەن» ئاساسىي قاتلام مەمۇرلىرى ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىلىرى بولىدۇ، ئۇلارنىڭ تەمىناتىمۇ دۆلەتنىڭ مايىل بولۇش سىياسىتىگە ئەگىشىپ ئېشىپ بارىدۇ.

  بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ خوتەندە خىزمەت قىلىۋاتقان خەنزۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى قىسقىغىنا بىر نەچچە يىلدىلا ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ شۇجىلىرى، «قوش تىل» ئوقۇتۇشىغا مەسئۇل مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ياكى «قوش تىل» كافېدراسىنىڭ مۇدىرى بولدى، ئۇلار خىزمەتنى «قوش تىل»دا بىمالال قانات يايدۇرالايدۇ. مەسىلەن: چىرا ناھىيەسىنىڭ بوستان يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى بىڭ، قاراقاش ناھىيە قاراساي بازارلىق يېزا ئىقتىسادى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ خۇڭرۇلارنىڭ ھەممىسى ئىچكىرى ئۆلكىدىن خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىغا كېلىپ ئوقۇغان.

  خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: خوتەن ۋىلايىتى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى ھەر يىلى دېگۈدەك ئازىيىپ تۇرىدۇ. لېكىن خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەن خەنزۇ ياكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن، كۆپ قىسمى خوتەندە قالدى، ئاساسىي قاتلامدىكى مائارىپ ئورۇنلىرىنىڭ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەن ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن باھاسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى. 2010 - يىلىدىن بۇيان، ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن كېلىپ خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىدا ئوقۇپ، بۇ مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچى 583كە يەتتى، ئۇلارنىڭ 526سى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىچكىرى ئۆلكىدىن كېلىپ ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەرنىڭ %90.2 ىنى ئىگىلىدى.

  − مەن دائىم خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ توي مۇراسىمىغا قاتنىشىمەن، −دېدى جاۋ مىڭ كۈلۈپ تۇرۇپ. خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنى پۈتكۈزگەنلەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاساسىي قاتلاملاردا خىزمەت تېپىپلا قالماي، يەنە ئۆي - ئوچاقلىق بولۇشتى، ئۇلار ھەر قايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، پىكىرلىشىش ۋە ئارىلىشىشقا تۈرتكە بولدى. بەزىلەر بۇ يۇرتتىن كەتكەندە، ئۇلار چېگرا رايوندا، ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، يەرلىكتىكى ئەڭ گۈزەل «خوتەن قاشتېشى»غا ئايلاندى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر