باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز-- ئېنىرگىيە مەنبەسى مول رايون بولۇپ، كۆمۈر بايلىقى-- مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي بايلىق مىقدارىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ

2015.03.12 13:43         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، «شامال ئېلىكتىرى، يورۇقلۇق ۋولتىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش، بىئو ئېنىرگىيەنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئېنىرگىيە تىجەش، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى كەسپلەرنى گۈللەنمە تۆۋرۈك كەسپلەر قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، باش مۇدىرى ۋۇ گاڭ ئېنىرگىيە تىجەش، مۇھىت ئاسراش تىپىدىكى كەسپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن مۇھىت ئاسراشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلدى.

  ئاپتونوم رايونىمىز-- ئېنىرگىيە مەنبەسى مول رايون بولۇپ، كۆمۈر بايلىقى-- مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي بايلىق مىقدارىنىڭ %40تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەرقىي قىسىم رايونلار بېسىپ ئۆتكەن «ئاۋال بۇلغاش، ئاندىن تۈزەش»تەك كونا يولغا كىرىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ كىرگۈزۈش جەريانىدا، مۇھىت ئاسراشنى باشتىن- ئاخىر 1- ئورۇنغا قويدى. ۋۇ گاڭ رەھبەرلىكىدىكى شىنجاڭ يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەسى تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىشى-- مۇھىت ئاسراش، يېشىل ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن پايدىلىنىش، كۆمۈر بايلىقىنى بىۋاستە كۆيدۈرۈشنى كونترول قىلىش شۇنىڭدەك ئېنىرگىيە تىجەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئېنىرگىيە مەنبەسىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە مەھسۇلاتلىرىغا قارىساق، بىر قىسىم مۇھىت ئاسراش تۈرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلىدى دىيىشكە بولىدۇ.»

  ۋۇ گاڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېنىرگىيە تىجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. يىغىن ئىچى- سىرتىدا ئەڭ كۆپ تىلغا ئالغىنى-- ئېنىرگىيە مەنبەسى ئىستىمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى كونترول قىلىش، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنىرگىيە تىجەشنى يولغا قويۇشتىن ئىبارەت بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى توپلاشقان رايون بولۇپ، ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ تەننەرقى تۆۋەن بولغاچقا، نۇغۇن كارخانىلار شىنجاڭغا ماكانلاشتى. شىنجاڭ ھازىر دۈچ كېلىۋاتقان مۇھىت بېسىمى ناھايىتى ئېغىر بولىۋاتىدۇ.»

  شەرقىي جۇڭغار رايونىغا جايلاشقان سەنشى كۆمۈر سانائىتى باغچىلاشقان رايونى-- سەنشىدىكى كۆمۈر كارخانىلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدا خېلى بۇرۇن قۇرغان كۆمۈرچىلىك تەرەققىيات رايونى بولۇپ، بۇلتۇر شىنجاڭ يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پۈتكۈل باغچىلاشقان رايوننى ئېنىرگىيە تىجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتىش بويىچە ئۆزگەرتتى. ھازىر، شىنجاڭ يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يەرلىكتىكى سانائەت كارخانىلىرىدا يېڭى ئېنىرگىيە مەنبەسى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىپلا قالماي، شامال ئېلىكتىرى، يورۇقلۇق ۋولتىدىن پايدىلىنىپ توك تارقىتىش قاتارلىق يېشىل ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش تورىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي قىسىملارغا يەتكۈزدى. ۋۇ گاڭ مۇنداق دېدى: «ئېلىمىزدىكى كۆپ قىسىم ئېنىرگىيە مەنبەسى غەربىي قىسىم ۋە شىمالىي قىسىم رايونلاردىن چىقىدۇ. ئېنىرگىيە سەرپىياتى ئەڭ كۆپ بولغان جايلارنىڭ كۆپىنچىسى شەرقىي قىسىم ۋە جەنۇبىي قىسىم رايونلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئېلىكتىر تورى ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش، بېسىم ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ تەقسىملىنىش تورىنى مۇكەممەللەشتۈرىۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق، ئېنىرگىيە مەنبەسىنى ئىستىراتېگىيەلىك تەقسىملىشىمىز ياخشى ئاساسقا ئىگە بولدى. نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ پۈتكۈل ئېنىرگىيە سەرپىياتى ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاران %3كە يېتىدىغان بولۇپ، بۇ-- ئېلىمىزدىكى ھاسىلىي ئېنىرگىيە مەنبەسىنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ زور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر بۇ جەھەتتىكى ئاساسىي خاراكتىرلىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئېنىرگىيە مەنبەسى قۇرۇلمىسىنى ياخشى تەڭشىيەلەيدىغانلا بولسا، تۇمانلىق ھاۋارايىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلغىلى بولىدۇ.»

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر