- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


كېسەل كۆرسەتمەكچى بولغان بىمارلار بۇنىڭدىن كېيىن ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى دوختۇرخانىغا تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ
2015.03.12 13:36 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى سەھىيە ئىستاتىستىكا ئۇچۇر مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون 335 مىليون يۈەن مەبلەغ سالغان رايون ئىچى سەھىيە ئۇنىۋېرسال ئۇچۇر سۇپىسى پات ئارىدا قۇرۇلىدىكەن.
بۇ قۇرۇلۇش تۈرى ئاپتونوم رايونىمزىدىكى 1700 دىن ئارتۇق ئاساسىي قاتلام سەھىيە-داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملىك ۋە قوللىنىشچان يۇمتال ۋە كومپيۇتېر تېرمىنالى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلەپ، ئاساىي قاتلام سەھىيە-داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئاپتونوم رايون مىقياسىدا ئاپپارات، رايون ھالقىغان داۋالاش، سەھىيە ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى دەسلەپكى قەدەمدە ئەمەلگە ئاشۇرىدىكەن. بىمارلار بۇنىڭدىن كېيىن كېسەل كۆرسەتمەكچى بولسا، ئىلگىرىكى تەكشۈرۈش نەتىجىلرىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشى ھاجەتسىز ئىكەن. دوختۇرلار رايون ئىچى ئۇچۇر سۇپىسى ئارقىلىق بىمارلارنىڭ كېسەللىك تارىخى ۋە تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولالايدىكەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر