باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كىچىك دوستلار قول تۇتۇشۇپ، خوشال ئۆسۈپ يېتىلىش پائالىيىتى ئاياغلاشتى

2015.02.09 11:16         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە 3 كۈن داۋاملاشقان «كىچىك دوستلار قول تۇتۇشۇپ، خوشال ئۆسۈپ يېتىلىش» پائالىيىتى 7-فېۋرال ئاياغلاشتى. 3 كۈن ۋاقىت ئىچىدە، قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 20 نەپەر ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى چوڭقۇر دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

  7-فېۋرال ئەتتىگەندە، ئاپتونوم رايونلۇق شىنخۇا خەلقئارا كىتاب شەھەرچىسىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 10 ئوقۇغۇچى ئۆيىگە قايتىش ئالدىدا تۇرغان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى دوستلىرى ئۈچۈن كىتاب تاللىدى. ئۈرۈمچى شەھىرى قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ 6- يىللىق ئوقۇغۇچىسى چېن لۇشىن ئۆزى بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەلىك 3- ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئايشەمگۈل جۈمە ئۈچۈن ئىككى كىتاب تاللىدى. 3 كۈن ۋاقىت ئىچىدە، بۇ ئىككى قىزچاق ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئايرىلىش مىنوتلىرى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، ئۇلار بىرگە تۇرغان ۋاقتىنى قەدىرلەپ، قوللىرىنى چىڭ تۇتۇشتى. چېن لۇشىن مۇنداق دېدى:- بىز ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. مەن يەنە ئۇنى ئۈرۈمچىگە كېلىشكە تەكلىپ قىلدىم.

  ئۇلارغا ئوخشاش بىر- بىرىگە قىيالمىغانلاردىن يەنە مىھرىنىساگۈل قۇربان بىلەن گۇ يۈلىڭ بار ئىدى. بىر قانچە كۈن ئىچىدە، گۇ يۈلىڭ مىھرىنىساگۈل قۇربانغا خەنزۇ تىلى ئۆگەتتى. مىھرىنىساگۈل قۇربانمۇ ناھايىتى ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇردى. ئۇلار كېچە- كۈندۈز بىللە بولۇپ، بىللە ئوينىدى، بىللە ئۆگەندى. ئايرىلىش ئالدىدا، ئۇلار بىر- بىرىگە قىيمىغان ھالدا كۆز يېشى قىلىشتى. مىھرىنىساگۈل قۇربان مۇنداق دېدى:- بىر قانچە كۈندىن بۇيان، بىز ناھايىتى ياخشى ئۆتتۇق. ئايرىلىش ئالدىدا ئۇنىڭغا قىيالماي قالدىم. ئەمما، بىزنىڭ ئالاقىمىز بۇنىڭلىق بىلەن ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ.

  بۇ قېتىمقى «كىچىك دوستلار قول تۇتۇشۇپ، خوشال ئۆسۈپ يېتىلىش» قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىش پائالىيىتىنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بالىلارنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، ئانا يۇرتنى سۆيۈش قىزغىنلىقىغا ئىلھام بېرىش، بالىلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قارىشىنى كۈچەيتىش، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئورتاق ئىلگىرلەش، ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلىش ئۈچۈن تەشكىللىگەن. قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدىن كەلگەن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى گۈلىستان سىدىق مۇنداق دېدى:- بۇ بالىلارنىڭ ئۈرۈمچىگە تۇنجى قېتىم كېلىشى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە كەلگەندىن كېيىن نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەندى، نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتى. ئۇلار ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش، بىرلىكتە پائالىيەتكە قاتنىشىپ، بىر- بىرىگە ياردەم بەردى. ئۇلار يەنە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىپ يەتتى. بۇ-- ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن زور ياردىمى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر