باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۆچمەس چىراغ

2016.08.19 14:36         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  -بەك كەچ بوپ كەتتى، ئەمدى ئۇخلا! ئانىسى ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۇخلاشقا دەۋەت قىلدى.

  ئۇ سائىتىگە قارىۋېدى، 11دىن 40 مىنۇت ئۆتۈپتۇ. ئۇ ھېرىپ كەتكەچكە، داۋاملىق تەكرار قىلغۇسى كەلمىدى. لېكىن ئۇدۇل بىنادىكى جىمىرلاپ تۇرغان چىراغ نۇرىغا قارىغان چېغىدا، ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە يەنە ھېلىقى قىزنىڭ گەپلىرى جاراڭلىدى...

  يېرىم يىل ئاۋۋال ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆيىنىڭ يېنىدىكى سېتكا توپ مەيدانىدا تېگى يوق خىياللارنى سۈرۈپ يالغۇز ئولتۇراتتى...

  -ھەي، خاپا بولماي پۇتىڭىزنىڭ يېنىدىكى ئاۋۇ توپنى بۇ ياققا تاشلاپ بېرىڭە!

  ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىۋېدى، 17 – 18 ياشلار چامىسىدىكى تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن بىر قىز پالاقنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئۇ توپنى قىزغا تاشلاپ بەردى.

  ئۇزاق ئۆتمەي قىز يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزدى:

  -ھەي، سىز...

  -نېمانداق قىلىسىز؟ ياخشى ئوينىيالمىغاندىكىن ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ؟

  -ئەمىسە سىز كېلىپ سىناپ باقمامسىز؟

  ئۇلار چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن چاغدا ئوبدانلا تونۇشۇپ قالغانىدى.

  ئۇ قىزنىڭمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى بىلدى. قىز ئۇنىڭغا:

  -بىر ئادەم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بەل قويۇۋەتمىسىلا، مەغلۇبىيەتتىن مۇۋەپپەقىيەتكە يۈزلىنەلەيدۇ، دېدى. ئۇ قىز بىلەن ‹‹پەۋقۇلئاددە كېلىشىم›› ئىمزالىدى: قىزنىڭ ئۆيىدىكى چىراغ ئۆچمىسىلا، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە قايتا ئىمتىھان بېرىش ئىرادىسى قەتئىي ئۆزگەرمەيتتى...

  قىزنىڭ ئۆيى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنادا ئىدى. دېرىزىلىرىمۇ شۇنچىلىك يېقىن ھەم ئۇدۇل ئىدى. ئۇنىڭ قىز بىلەن شۇنداق پاراڭلاشقۇسى كەلدى... ئاشۇ چىراغ نۇرىلا ئۇنىڭ قەلبىگە ئىرادە ھەم قەتئىيلىك بېرەلەيتتى. بىر قىز جېنىدا مەغلۇبىيەتكە دادىل يۈزلىنەلىگەن يەردە، ئۇ قانداقمۇ بەل قويۇۋەتسۇن؟

  ئارىدىن نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈشمىگىنىگىمۇ ئۇزاق بولغان، پەقەت ئىككى ھۇجرىدىكى چىراغ نۇرىلا ئۆزئارا سىردىشىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ ‹‹بەلكىم ئۇ بەك ئالدىراشتۇ›› دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.

  ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندىن چىقىپ ئۇ شۇنداق روھلۇق ھالدا ئۇدۇل قىزنىڭ ئۆيىگە ماڭدى، ئۇ قىزغا ‹‹رەھمەت›› دېيىشنىلا ئويلايتتى.

  مەرھۇمەنىڭ سۈرىتى ھۇجرىسىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان، ئاستى تەرەپكە سېتكا توپ پالىقى ئېلىپ قويۇلغانىدى. ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇ راك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقانىدى. قىزنىڭ ئانىسى ئېسەدىگىنىچە سۆزلەشكە باشلىدى:

  -ئۇ ئۆزىنىڭ ئاران بۇ يىل تۆتىنچى ئايغىچە ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ ‹‹تەڭرى ماڭا بۇ دۇنيانى، بۇ تۇرمۇشنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن سۆيۈپ ياشايدىغان بىر قېتىملىق ھاياتلىق پۇرسىتى بەردى، مەن مۇشۇنىڭغا رازى›› دېگەنىدى... ئانىنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپ كەتتى، دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغان ئاشۇ كۈنىدىن باشلاپ ئۇ ھۇجرىسىنىڭ چىرىغىنى ھەر كۈنى كېچىچە ياندۇرۇپ قويۇشىمىزنى تاپىلىدى، ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىرسى ئۇنىڭغا موھتاج ئىكەن...

  ئۇنىڭ كاللىسى بىردىنلا قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى، كۆزلىرىدىن ياش تاراملاپ تۆكۈلەتتى...

  كېچە، ئۇ ھۇجرىسىنىڭ چىرىغىنى تاڭ ئاتقۇچە ياندۇرۇپ قويدى.

  ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد تەرجىمىسى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر