باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

خەۋەر ئىزدەپ

قەيسەر قىيۇم

2015.05.28 10:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، نەگە ماڭدىڭىز دەمسىز، خەنزۇ بازىرىغا. نېمىگە بولاتتى. شۇ خەۋەر ئىزدەپ بولمامدۇ. ھەي بىلمەيسىزدە، خەۋەر دېگەن باغۇ شۇ ئىدارىلەرنىڭ يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى، رەھبەرلەرنىڭ ئاچقان دەبدەبىلىك يىغىنلىرى، يەنە تېخى كارخانىلار ياراتقان مەھسۇلات مىقدارىدىلا بولمايدۇ، ئاشۇ بايمۇ، قەلەندەرمۇ يىغىلغان «خەنزۇ بازىرى»دىمۇ بولىدۇ. خەۋەر ئىزدەپ قاپسىز دەمسىز، بۇرادەر، سىزگە ئېيتسام، مۇشۇ خەۋەر يېزىش پېقىر بەندىگە ۋەزىپە بولۇپ قاپتىكەن يازمىساڭ بولمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە يازغىنىڭ كۆپرەك بولمىسا بۆلۈم مۇدىرىنىڭ تاپىسى، نېمە دەيتتى، مۇكاپاتىڭنى بەرمەيمەن، مائاشىڭنى كانتىلايمەن، دەيدۇ شۇ. ئەنە شۇنداق تۇرسا ئەمدى خەۋەر ئىزدەپ چىقماي قانداق قىلىمەن. كوكىراپ جىم تۇرمايدىغان قورساق باردە بىزدىمۇ ئاخىر. بىر ئەمەس ئۈچ دەڭلا تېخى. بىزنىڭ مۇدىرىمىزنىڭ بۇنىڭ بىلەن نېمە كارى. يا خۇشامەت قىلىشنى بىلمىسەم، شۇنى ئۆگىنىپ قويىدىغان گەپمىكىن تاڭ.
بىر قېتىم گېزىتخانىنىڭ ئالدىدىكى ئۆستەڭ بويىدا ئۆستەڭدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان لاي سۇغا قاراپ خىيال قىلىپ ئولتۇرسام رەھمىتى تۇرسۇنكام: «ھە گاۋرۇش، ئولتۇرۇپ كېتىپسەنغۇ؟» دېۋىدى، مەنمۇ چاقچاق قىلىپ: «ئۆستەڭدىن خەۋەر-پەۋەر ئېقىپ كېلىپ قالارمىكىن دەپ قاراپ ئولتۇرىمەن» دېسەم نېمە دەيدۇ، ئۇمۇ چاقچاق قىلىپ: «ئوبدانراق قارا، ياخشى خەۋەر دېگەن بۇنداق لاي سۇدىمۇ ئالتۇندەك پارقىراپ ئېقىپ كېلىدۇ، ناچارلىرى لاي-لاتقىغا ئارىلىشىپ كېلىدۇ» دېگەنىدى. ھازىر رەھمىتى شۇ چاغدا قاتتىق مەنىسى بار گەپلەرنى قىلغان ئىكەن دەپ ئويلاپ قالىمەن. ياخشى خەۋەر دېگەن ئاشۇنداق ئالتۇندەك پارقىراپ تۇرىدىغان گەپ. بۇنداق پارقىراپ تۇرىدىغان خەۋەرنى «خەنزۇ بازىرى»دىن تاپقىلى بولمايدۇ، دەپ كىم ئېيتىدۇ.
مانا كوچىنى ئارىلاپ كېتىپ بارىمەن. ئۆزۈم بوشمۇ ياكى دىققەت قىلمىدىممۇ، بىر پارچە خەۋەرمۇ ئۇچرىمىدى. نېمىنى يازغۇلۇق زادى. سىلەرگە يەنە بىر گەپنى ئېيتاي، باشلىقنىڭ تاپىسىدىن خوتۇننىڭ تاپىسى تېخىمۇ يامان دەڭلار. «بىر نېمە يازمىدىڭىز، باشقىلار قەلەم ھەققى دېگەننى بېلىق كۆلىدىن بېلىق سۈزگەندەكلا سۈزىۋالىدىكەن. سىز قانداق ئادەم بولۇپ قالدىڭىزكىن تاڭ» دەپ بىر ۋاتىلدىغىلى تۇرسا توي قىلغانغا مىڭ دېگۈزىۋېتىدۇ ئادەم دېگەننى. بويتاقچىلىقمۇ تىنچكەن دەپ قالىمەن بەزىدە. لېكىن شۇ يالغۇزلۇقنىڭ دەردى. مانا توي قىلىۋىدۇق، خوتۇننىڭ دەردى. ئىدارىدە بولسا باشلىقنىڭ دەردى. يا مۇشۇ دۇنياغا تۇغۇلمىسىلا بولامدىكىن-تاڭ. ئايلىنىپ مەدىكارلار بازىرىغا كېلىپ قاپتىمەن. يولدىن ئۆتكەن- كەچكەنلەرنىڭ كۆزلىرىگە ئىش ئىزدەپ بوينىنى قىسىپ تەلمۈرۈپ قاراپ تۇرغان بۇ بىر توپ مەدىكارلارغا قاراپ ئىچىم ئاغرىپ قالدى. ھەي بىچارىلەرەي، شۇ تۇرمۇشنىڭ غېمىدە باشقىلارغا ساغىرىپ يۈرۈپ قىلىشىدىغۇ بۇ مەدىكارلىقنىمۇ. ئۇلار ھەر بىرىنىڭ تۇرمۇش جەريانى ئۆز ئالدىغا ئايرىم بىر داستان. لېكىن شۇ دىت بولمىسا، قانداق دىت بولاتتى. خەۋەرىي دىت بولمىسا بىكاردە كىشىگە. زىيارەت قىلىپ باقايمۇ، نېمىلەرنى سوراپ نېمىلەرنى يازسام بولار. يېڭىلا قار يېغىپ توختىغاچقا ھەممەيلەن دۈگدەرەپ كاللەكلىشىۋاپتۇ. ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇۋېلىپ ئەتراپىمغا سەپسېلىپ چىقتىم. نېمىلەرنى كۆرەتتىم، ئاپتوبۇس بېكىتىدە بىر بالا «ئون سوم، سائەت ئون سوم!» دەپ قوڭغۇراقلىق سائەتنى سېتىپ يۈرىدۇ. يولنىڭ يەنە بىر قاسنىقىدا ئۆپكە-ھېسىپچى، كاللا-پاقالچەكچى، يەنە تېخى ناۋاي-باققاللارمۇ بىر-بىرىدىن خېرىدار تالىشىپ ۋارقىراپ بازارنى بېشىغا كىيىۋاپتۇ. قايسىسىنى يازسام بولار، توختاپتۇر مۇشۇ مەدىكارلارنى ئالدى بىلەن يازاي. خېلى ياخشى نېمە چىقىپ قالامدۇ تېخى.
بۇرادەر، كېيىنكى ئىشلارنى بىر دېمەيسىز. شۇ مەدىكارلارنى تاللاپ ياخشى قىلغان ئىكەنمەن. راستىنلا ئۇلار توغرۇلۇق ئالامەت بىر خەۋەر يېزىۋەتتىم. قانداق دەمسىز؟ ئالدىرىماڭ، مەن سۆزلەپ بېرەي.
شۇلار ئارىسىدىكى تەمبەل، ئېگىز بويلۇق بىرسىنى نىشان قىلىپ ئۇنىڭغا يېقىنلاپ بېرىشىمغا تۇيۇقسىز غارلا قىلىپ يېنىمدا ئالامەت نوچى ماشىنىدىن بىرى توختىدى. قاراپ تۇرسام ئىچىدىن يوغان قورساق، سېمىز، لوبەن چىراي بىرەيلەن چۈشۈپلا كۆزى بىلەن مەدىكارلارنىڭ ئارىسىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئاڭغىچە ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا يېپىشتى.
ـــ قانداق، ئىش بارمۇ، بىز قىلىشىپ بېرەيلى.
ـــ نېرى تۇرۇش، ئۆزۈم تاللايمەن، ـــ «لوبەن» شۇنداق دېدى-دە، ھېلىقى مەن نىشان قىلغان ئېگىز بوينى يېنىغا چاقىردى. بۇنى كۆرۈپ تەمتىرەپ قالدىم. ئۇنى ئىش قىلغىلى ئېلىپ كەتسە مەن كىمنى زىيارەت قىلىمەن.
ـــ ئالتە توننا كۆمۈر بار، نەچچىگە توشۇپ بېرىسەن؟
ـــ ئەللىك سوم بېرىڭ، ـــ دېدى دارازا.
ـــ ئوتتۇز سوم بېرەي قانداق، توشۇساڭ مانا، بولمىسا باشقىسىنى چاقىرىمەن.
ـــ بوپتۇ قىرىق سوم بېرىڭ، ئىككەيلەن بېرىپ توشۇپ بېرەيلى.
ـــ قىرىق سوم بەرسەم بېرەي، ئەمما تامىقىڭ يوق، بىلىشتىڭمۇ؟
ـــ مەيلى.
ـــ ھە ئۇنداق بولسا يەنە بىرسىڭنىمۇ ئۆزۈم تاللاي، ـــ ئۇ شۇنداق دەپلا كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى چىقىرىپ مەن تەرەپنى كۆرسەتتى، ـــ سەن بىللە بار.
كەينىمگە قارىسام ئادەم يوق، بۇ تەرەپتە مەن يالغۇزلا تۇراتتىم.
ـــ ھەي ھاڭۋاقتى، سېنى دەۋاتىمەن، ـــ دېدى «لوبەن» ئاخىرى ماڭا قاراپ ھومۇيۇپ، ـــ يىگىرمە سومنى ئالغۇڭ يوقمۇ-نېمە؟
ـــ مەنما!؟
ـــ ھە سەن، ماڭە!
نېمە دېيىشىم، نېمە قىلىشىمنى ئويلاشمايلا «لوبەن» بىلەن ئېگىز بويغا ئەگەشتىم. خەۋەر دېگەن مانا. بىر قىزىقچىلىق ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالدى. ھېلىقى «لوبەن» داۋۇت (ئېگىز بوينىڭ ئىسمى شۇنداق ئىكەن) ئىككەيلەننى ماشىنىغا سېلىپ بىر ھەشەمەت ئۆينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىشىك ئالدىدا تاغدەك كۆمۈر دۆگىلەكلىك تۇراتتى. «لوبەن»نىڭ ئايالى بولسا كېرەك، ئالتۇن چىشلىرىنى چىقىرىپ ھىجاراپ تۇرغان ياش بىر چوكان كۆمۈرگە قاراپ تۇرغانمۇ ياكى بىزنىڭ كېلىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرغانمۇ كەلگىنىمىزنى كۆرۈپلا ئېغاڭلاپ مېڭىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى. بىز توشۇيدىغان ھېلىقى كۆمۈرگە قارىسام ئالتە توننا ئەمەس سەككىز توننا كېلىدىغاندەك. «ھىم» دەپ دېمىمنى قىرىپ قويدۇم. داۋۇتمۇ بۇنى ھېس قىلغان چېغى «لوبەن»گە نارازى بولۇپ ئېيتتى:
ـــ بۇ ئالتە توننىدىن جىق قىلامدۇ نېمە؟
ـــ نېمە دەيسىنۇي سەن، كۆمۈرنى ئەكەلدۈرگەن ئادەم مەن بىلمەي سەن بىلەمتىڭ. ئىشلەشسەڭ مانا، ئىشلەشمىسەڭ باشقىسىنى باشلاپ كېلىمەن.
داۋۇت نائىلاج قانداق قىلىمىز دېگەندەك ماڭا قارىدى. قارىسام ئۇنىڭ بۇ ئاران تاپقان ئىشتىن قۇرۇق قالغۇسى يوق. مەن سەن ئۆزۈڭ بىر نېمە دە دېگەندەك ئىشارە قىلىپ مۈرەمنى قىسىپ قويدۇم. موھتاجلىق ياماندە.
ـــ بوپتۇ، ئۆزىمىز قىلايلى، كۆمۈر توشۇغىدەك ھارۋا بارمۇ؟
ـــ ھويلىدا قول ھارۋىسى بار.
«لوبەن» بىزگە ھويلىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كۆمۈرخانا يېنىدا تۇرغان قول ھارۋىسىنى كۆرسىتىپ قويۇپ ئىش تۈگىگەندە پۇلنى خوتۇنىدىن ئېلىۋېلىشنى ئېيتىپ ماشىنىسىنى غاقىرىتىپ ھەيدەپ كېتىپ قالدى.
داۋۇت ئىككىيلەن كۈن پاتقاندا ھېلىقى كۆمۈرنى ئاران توشۇپ بولدۇق. ئىككىمىزنىڭ ھېرىپ ھالىمىز قالمىغان، بەدىنىمىز ئاچچىق تەرگە چۆمگەن ئىدى. ئۆزۈمنى ئېيتسام قىزىقچىلىق دەپ بۇ يەرگە كەلگىنىمگە مىڭ بىر پۇشايمان يەپ چىشىمنى چىشلەپ بۇ ئىشنى ئاران تۈگەتتىم. ئەمدى غۇلىچى تۈگەپ غېرىچى قالغاندا چىداش كېرەكقۇ. كۆمۈرنىڭ ھەلەكچىلىكىدە داۋۇتنىڭ ماڭا بۇ بىر كۈن تۈزۈك پاراڭ قىلغۇدەكمۇ چولىسى تەگىمىدى. بىز يۈز-كۆزلىرىمىزنى يۈيۈپ، ئۈستى-بېشىمىزنى قېقىپ «لوبەن»نىڭ ئايالىدىن پۇلنى ئالغىلى كىرسەك، ئۇ ئىككى قىزى بىلەن تاماققا ئولتۇرغان ئىكەن. بىزنى ئۆيگىمۇ باشلىماي قايتىدىن ئۇدۇل كۆمۈرخانىغا باشلاپ كەلدى. نېمە قىلغىنىكىن دېسەك كۆمۈرلەرنى تەكشۈرگىنى ئىكەن. كېيىن قولىمىزغا يىگىرمە سومدىن قىرىق سومنى بېرىپ دەرۋازىدىن ئالتۇن چىشلىرىنى كۆرسىتىپ ھىجاراپ چىرايلىق ئۇزۇتۇپ قويدى. داۋۇت ئىككىمىزنىڭ قورسىقى تازا ئاچقان ئىدى. چوڭ كوچىغا چىققاندىن كېيىن مەن ئۇنى يول بويىدىكى ئاشخانىغا باشلىدىم.
ـــ جۈرە، داۋۇت تاماق يەۋالايلى، بىر كۈن ئىشلەپ قورساقمۇ ئېچىپ كەتتى.
ـــ بولدى قىلايلى، ـــ دېدى ئۇ سەل ئارىسالدى بولۇپ، ـــ ئىككىلىمىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى بىزگىلا قاراپ تۇرىدۇ ھەقاچان.
ـــ جۈرە بولدى، مەن مېھمان قىلاي، تونۇشۇپ قالدۇق، بىردەم پاراڭلىشايلى.
ـــ سەنمۇ بىر ئۆينى بېقىۋاتقانسەن ھەقاچان، ئېغىر كېلىدۇ بىزدەكلەرگە ئاداش بۇنداق ئارتۇق چىقىم. سەنمۇ ئۆيگە كەتكىن، ئەتە نېسىپ بولسا يەنە كۆرۈشەرمىز.
ـــ مەن بويتاق، ـــ دېدىم ئۇنىڭغا يالغان ئېيتىپ، ـــ جۈرە تارتىنما.
مەن ئاخىرى ئۇنى ئاشخانىغا باشلاپ كىردىم. بىز تاماق يېگەچ خېلىلا ئازادە پاراڭلىشىۋالدۇق. لېكىن ئۇ مېنىڭ مۇخبىرلىقىمنى بىلمىدى. پەقەت ئۆزىگە ئوخشاش بىر مەدىكار دەپلا بىلدى. بىز ئاشخانىدىن چىققاندا ئۇنىڭ تۇرمۇشى ماڭا بەش بارماقتەك ئايان بولۇپ بولدى.
قاراڭ بۇرادەر، شۇنىڭ بىلەن ھارغاننىمۇ تۇيماي كېچىدە ئولتۇرۇپ مەدىكارلار تۇرمۇشى توغرۇلۇق ئالامەت بىر زىيارەت خاتىرىسى يېزىۋەتتىم. بۇنىڭدا ئۆزۈمنىڭ باشتىن كەچۈرگەنلىرىمنىمۇ، داۋۇتنىڭ جاپالىق تۇرمۇشىنىمۇ ئالا قويماي سۆزلەپ چىقتىم.
ھەي ئادەم دېگەن قىزىق بولىدۇ-ھە. كۆرەلمەسلەر جىقىيىپ كەتتىمۇ ياكى مېنىڭ زىيارەت ئۇسۇلۇم ئۇلارغا ياقمىدىمۇ ھېلىقى خەۋىرىم گېزىتكە چىققاندىن كېيىن بىر قىسىم خىزمەتداشلىرىم ماڭا بىر قىسمىلا قارايدىغان بولۇۋالدى. نېمە دەيدۇ تېخى، مۇخبىرلىقنىڭ ھالاۋىتىنى سۈرمەي جاپاسىنى تارتىدىغان ئەخمەق، دېيىشىۋاپتۇ. نېمە دېسە دەۋەرسۇن دەيمەن. لېكىن ھەممىدىن ئېغىر كەلگىنى باشلىقىممۇ چاقچاق قىلغاندەك «ئۆيگە سەككىز توننا كۆمۈر كېلىپ قاپتىكەن، يىگىرمە سوم بىلەن بىر ۋاق تامىقىڭنى بېرەي، توشۇۋەتكەن بولساڭ» دېمەسما، ئاچچىقىمدا جېنىم چىقىپ كەتكەندەك بولدى. ئادەم ئىشلىتىشنى بىلەمدۇ زادى بۇ خەق. بۇنداق كېسەلنى كىملەردىن يۇقتۇرۇۋالدىكىن-تاڭ، بۇنى خۇدايىم بىلىدۇ. بولدىلا، نېمە دېسە دېمەمدۇ، دەيمەن. بىلمەيدۇ-دە، خەۋەر دېگەننى شۇنداق نەق مەيداندا ئەمەلىيەتكە چۆكۈپ يېزىش كېرەك. مانا بۇ پارقىرايدىغان ئالتۇن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر