ئېسىۋالغىن بوينۇڭغا تۇمار
تۇرسۇن ئىمىن
2012.12.11 15:29
كۆرسەتمىگىن ئۆزگىگە دىدار،
ئالدىڭ توسۇپ قىلىشمىسۇن سۆز.
ئېسىۋالغىن بوينۇڭغا تۇمار،
تەگمىسۇن ھېچ گۈل ھۆسنۈڭگە كۆز.
ئەقىدەمنى ئۆزۈڭ بىلىسەن،
بىر مېنى سۆي ئارزۇلاپ پەقەت.
دىلىم ياشنار پاك ئىشقىڭ بىلەن،
ھاياتىمغا سۆيگۈڭ كاپالەت.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە