باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ خەت ساندۇقى ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم





خەلق تورى>>ئەدەبىيات

گۈل بەرگىگە قوندى تولۇن ئاي

غوجىمۇھەممەت قابىز

2012.12.11 15:28        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


لىباسىنى يېشىۋەتتى تۈن،

ئۇپۇق قىزى ئاچتى خۇش چىراي.

سۇس ھاۋا رەڭ پەردە قايرىلىپ،

گۈل بەرگىگە قوندى تولۇن ئاي.



قىيا ئوچۇق تۇرغان روجەكتىن،

ئاي باقىدۇ يىراق ئۇپۇققا.

شىۋىرلىشار گۈل بىلەن (مەستخۇش)،

پەرۋا قىلماي ئىسسىق-سوغۇققا.



گۈل ھۆسنىدىن رەڭ ئالدى ئۇپۇق،

كۆز ئالدىدا ئېچىلغان ئەترە.

ئاي لېۋىدە ياندى تەبەسسۇم،

يىگىت كېلەر تۇتۇپ گۈلدەستە.



قىيا ئوچۇق ئاشۇ دېرىزە،

نىگاھلاردا كۆيەر، يېلىنجار.

ئېھ ئاشۇ دەم ئالمىشىپ پەسىل،

كائىناتنى چۆمكىدى باھار.

مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە