ئۆتۈنۈش
ئوسمان قاۋۇل
2012.12.11 15:27
شۇنچىلىك سېغىندىم سېنى جىگىرىم،
كۆزلىرىڭ جان قوشتى ئاجىز جېنىمغا.
تىنىقىڭ ئۇرۇلسا مەڭزىمگە بىردىن،
كۆبجىدى قانلىرىم تومۇرلىرىمدا.
ئالدىمدا يالقۇنۇڭ مەغرۇر بىر لاۋا،
ئىشەنگىن دىلبىرىم ئاشىقمەن ساڭا.
سەن بىلەن ھاياتىم مەنىسى پۈتۈن،
ئەھدىمنى قەلبىڭدە سەن مەھكەم ساقلا!...
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە