باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆڭۈل ئىچىش

شىنجاڭلىق ماھىر جياڭ دۇنخاۋ «جوڭگو يېڭى ناخشا ساداسى»نىڭ چېمپىيونى بولدى

2016.10.10 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

 ( ماتىرىيال سۈرەت)

 خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- ئۆكتەبىر كەچتە، «جوڭگو يېڭى ناخشا ساداسى» چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسى بېيجىڭ ئولىمپىك مەركىزىدىكى چاڭگىسىمان سارايدا ئۆتكۈزۈلدى. شياڭ ياڭ، ۋاڭ چېنرۈي، جياڭ دۇنخاۋ، شۈ گىياڭ، لى پېيلىڭ ۋە ياڭ مېينا قاتارلىق ئالتە ماھىرنىڭ ئۈچ نۆۋەتلىك كەسكىن مۇسابىقىسىدىن كېيىن، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن جياڭ دۇنخاۋ ( ۋاڭ فېڭ گۇرۇپپىسى) ۋە شياڭ ياڭ (جۇ جېلۇن گۇرۇپپىسى) ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئاخىرىدا، جياڭ دۇنخاۋ مۇسابىقىدە ئۈزۈپ چىقىپ چېمپىيونلىققا ئېرىشتى. بۇ، ۋاڭ فېڭ يېتەكچى ئوقۇتقۇچى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆز گۇرۇپپىسىدىن چېمپىيون چىقىشى.

  بۇ يىل 21 ياشقا كىرگەن جياڭ دۇنخاۋ 1995 - يىلى شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى بورتالا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ھازىر شىنجاڭ سەنئەت ئىنسىتىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىنىڭ 2 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى. تۇنجى قېتىم «جوڭگو يېڭى ناخشا ساداسى»نىڭ سەھنىسىدە ئۇ «خەلق ناخشىچىسى» دەپ ئاتالغان لى جىنىڭ ۋەكىللىك ئەسىرى «پەلەك شەھىرى»نى ئورۇنداپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلارغا تونۇلغان. شۇندىن كېيىن، ئۇنىڭ خۇددى سايرام كۆلىنىڭ سۈزۈك، ساپ، پاكىز سۈيىگە ئوخشاش ھەر بىر ناخشىسى ھەم شىنجاڭ مىللىي مۇزىكا ئامىللىرى گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە تونۇتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر