باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەدەنىيەت

ئاتاقلىق تىلشۇناس، تۆھپىكار مائارىپچى-خەمىت تۆمۈر (1)

ئا . ت. مۇراد

2013.11.29 17:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دەۋرىمىزنىڭ تۆھپىكار ئوغلانى، ئاتاقلىق تىلشۇناس، پېشقەدەم مائارىپچى، شىجائەتلىك تەرجىمان خەمىت تۆمۈر ئەپەندى 1931 - يىلى 11 - ئاينىڭ25 - كۈنى تۇرپان ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ئىدىقۇت تېغى ئېتىكىدىكىقارىغۇجا يېزىسىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر تامچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1939 - يىلىدىن1945 - يىلىغىچە ئۈرۈمچى، بارىكۆل قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1948 - يىلىدىن 1949 - يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك تىل مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1949 - يىلى 10 - ئايدىن 1950 - يىلى 5 - ئايغىچە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىگە قاتنىشىپ جەنۇبىي شىنجاڭغا بارغان ۋە كېيىن يەرلىككە ئالمىشىپ، 1950 - يىلى 5 - ئايدىن 1951 - يىلى 5 - ئايغىچە كۇچا ناھىيىلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان. 1951 - يىلى 5 - ئايدا سابىق شىنجاڭ ئۆلكىلىك كادىرلار مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەلگەن ۋە شۇ يىلى 9 -ئايدا بۇ مەكتەپنىڭ كادىرلىقىغا بەلگىلىنىپ، 1954 - يىلى 11 - ئايغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا يولداش خەمىت تۆمۈربىر تەرەپتىن مەكتەپتە سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تىرىشقان. ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ئەستايىدىللىقى ۋە تىرىشچانلىقى بىلەن 1953 - يىلى شەرەپلىك ھالدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇپ كىرگەن. 1954 - يىلى 11 -ئايدا خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى)غايۆتكىلىپ بېرىپ تاكى 1992 - يىلى 4 - ئايغىچە مەزكۇر مەكتەپتە ئىشلىگەن.

  ئاتاقلىق تىلشۇناس ھەم پېشقەدەم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدىكى 38 يىللىق ئالىي مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشجەريانىدا بىر تەرەپتىن تەشكىل تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئادا قىلسا، يەنەبىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىغا بېغىشلاپ، بۇ ساھەدە بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى ياراتتى ھەم بۇ ئارقىلىق يېڭى دەۋر ئۇيغۇر تىل-يېزىق تەتقىقاتىنى يۈكسەلدۈرۈش ۋە تەتقىقات قوشۇنىنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن زورتۆھپە قوشتى. خەمىت تۆمۈر ئەپەندى سابىق مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا 1979 - يىلغىچە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە كافېدرا مۇدىرى، 1979 - يىلىدىن 1984 - يىلىغىچە ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، 1984 - يىلىدىن 1990 – يىلى 9 - ئايغىچە ئىنىستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى بولۇپ ئىشلىدى. 1992 - يىلى4 - ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ كەلدى ۋە تاكى 1997- يىلى پېنسىيىگەچىققانغا قەدەر مەزكۇر كومىتېتنىڭ تەتقىقات بۆلۈمىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى.

  «مۇۋەپپەقىيەت ئىزدەنگۈچىلەرگە مەنسۇپ!». كىچىكىدىنلا تىرىشچان ھەم ئەمەلىيەتچىل ئۆسكەن خەمىت تۆمۈر مەيلى ئوقۇۋاتقانچاغلىرىدا بولسۇن ياكى خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن بولسۇن، تىرىشىپ ئۆگەندى، ئىزدەندى. بولۇپمۇ مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىغا يۆتكىلىپ بارغاندىن كېيىن ئۆزلۈكىدىن تىرىشىپ ئۆگىنىپ، خەنزۇ تىلى سەۋىيىسىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى ۋە تىل ئىلمى بويىچە ئالىي مەكتەپ دەرسلىرىنى تاماملىدى. ئۇ قانداق مەمۇرىي ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشىدىن قەتئىينەزەر، باشتىن - ئاخىر ئوقۇتۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە تۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئوقۇشلۇقى، ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى، چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى، تەرجىمە نەزەرىيىسى ۋە ئەمەلىيىتى قاتارلىق دەرسلەرنى ئۆتتى ھەم ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە چاغاتاي ئۇيغۇرتىلى بويىچە ئاسپىرانتلارنى تەربىيىلىدى، چەتئەللىك بىلىم ئاشۇرغۇچىلارغا يېتەكچىلىك قىلدى. بولۇپمۇ، ئىنىستىتۇتنىڭ ئۇيغۇرتىل-ئەدەبىياتى ۋە قازاق تىل - ئەدەبىياتى كەسىپلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ۋە دەرس تۈرلىرى قۇرۇلۇشىغا نۇقتىلىق يېتەكچىلىك قىلىپ، ۋە ئۆزى بىۋاسىتە قاتنىشىپ، بۇ كەسىپلەرنى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتى. ھازىر بۇ ئىككى كەسىپ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئاساسىي كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيىلەپلا قالماستىن، بەلكى ماگىستىر ۋە دوكتور ئاسپىرانتلارنىمۇ يېتىشتۈرەلەيدىغان كۈچلۈك كەسىپكە ئايلاندى.

  خەمىت تۆمۈر ئۇيغۇر تىلىدىن دەرس ئۆتۈش جەريانىدا شۇ چاغدىكى ئۇيغۇر تىلىغا ئائىت گرامماتىكا كىتابلىرىنىڭ تولىمۇ تولۇقسىزلىقىنى، ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ تولۇق بايان قىلىنمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ گرامماتىكىسىنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشقا بەل باغلىدى. ئۇ بۇ تەتقىقاتىغا نەزەرىيىۋى ئاساس ھازىرلاش ئۈچۈن مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاتاقلىق تىلشۇناسلارنىڭ گرامماتىكا نەزەرىيىسىگە ئائىت ئەسەرلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقىپ، ھەر قايسى ئېقىمدىكى تىلشۇناسلارنىڭ نەزەرىيە ۋە تەتقىقات ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتلىرىنى ئىلمىي يوسۇندا بىر قەدەر تولۇق يورۇتۇشنى مەقسەت قىلغان تەتقىقاتىنى باشلىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈپ، كەسپداشلىرىنىڭ ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىنكاس ۋە پىكىرلىرىگە ئاساسەن قايتا-قايتا تولۇقلىدى ھەمدە «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىسىملارنىڭ كېلىش كاتېگورىيىسى توغرىسىدا» قاتارلىق بىر يۈرۈش ماقالىلىرىنى «تىل ۋە تەرجىمە» قاتارلىق دۆلەت ئىچى-سىرتىدا كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە نۇقتىلىق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ئىنكاس ۋە پىكىرلەرنى ئاڭلىغان ئاساستا، 1987 - يىلى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى (مورفولوگىيە)» ناملىق 528 بەتلىك مەخسۇس ئەسەرنى نەشر قىلدۇردى. ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسى بويىچە بىر قاتار يېڭى كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ كىتاب دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغاپ، ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنىڭ جانلىنىشىغا تۈرتكە بولدى ۋە بېيجىڭ شەھىرى بويىچە ئىجتىمائىي پەن - تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. سابىق قازاق س س ر پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇخبىر ئاكادېمىكى، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى پىروفېسسور سەيدىۋاقاسوف قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تىلشۇناس، ئالىملار خەمىت تۆمۈرگە خەت يېزىپ بۇ كىتابقا يۇقىرى باھا بەردى. قازاقىستان دۆلەتلىك پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەمىت تۆمۈرنى ئالمۇتادا زىيارەتتە بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەسىپداشلار بىلەن ئىلىم ئالماشتۇرۇش ۋە لېكسىيە ئوقۇشقا تەكلىپ قىلدى. خەمىت تۆمۈر ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل - يېزىق خىزمىتى كومىتېتىغا يۆتكىلىپ كەلگەندىن كېيىنمۇ يەنە داۋاملىق ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى ھەمدە 1997 - يىلى نەشر قىلىنغان چوڭ ھەجىملىك «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا ۋە تەلەپپۇز لۇغىتى»نى تۈزۈشكە مۇئاۋىن باش تۈزگۈچى سۈپىتىدە قاتانشتى.

  خەمىت تۆمۈر قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىنى، بولۇپمۇ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا تۇنجى بولۇپ چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەرسىنى تەسىس قىلدى ۋە «چاغاتاي تىلى» (ئابدۇرەئوپ پولات بىلەن بىرلىكتە) ناملىق دەرسلىكنى نەشر قىلدۇردى. چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىنى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا تۈزۈلگەن ۋە بۇ ساھەدە تۇنجى بارلىققا كەلگەن بۇ ئەسەر دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى بويىچە ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. خەمىت تۆمۈر يەنە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، قەدىمكى يازما يادىكارلىقلىرىمىزدىن «تەۋارىخىي مۇسىقىييۇن»، «ئەتەبەتۇلھەقايىق»، «مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن» قاتارلىق ئەسەرلەرنى ترانسكرېپسىيە، تەرجىمە ۋە تەتقىق قىلىپ نەشر قىلدۇردى. ئۇ يەنە 1990 - يىلى جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر نەشرىياتى نەشر قىلغان «جۇڭگودىكى مىللەتلەرنىڭ قەدىمكى يېزىقلىرىنى رەسىملىك تونۇشتۇرۇش»دېگەن كىتابنىڭ تەھرىرلىكىگە قاتناشتى ۋە كىتابنىڭ «چاغاتاي يېزىقى» قىسمىنى ئىشلەپ بەردى. ئۇنىڭ تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوف بىلەن بىرلىكتە ئېلان قىلغان «بىزنىڭ چاغاتاي تىلى توغرىسىدىكى قاراشلىرىمىز» ناملىق ئۇزۇن ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا بىرىنجى دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغان چاغاتاي تىلىدىكى دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «بابۇرنامە» ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي پەن-تەتقىقات نەتىجىلىرىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر نەتىجە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يەنە بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى لى شياڭ خانىم بىلەن بىرلىكتە «پارس تىلىدىن ئاساس» ناملىق ھەم دەرسلىك، ھەم لۇغەت رولىنى ئوينايدىغان كاتتا ئەسەرنى خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى .خەمىت تۆمۈرنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە جەھەتتىكى ئەمگەكلىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇ 50 -، 60 - يىللاردا كۆپ قېتىم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە قۇرۇلتىيىنىڭ تەرجىمە خىزمىتىگە قاتناشتى. ماۋدۈن، جياۋشۇلى، لۇ ۋېنخۇا قاتارلىق خەنزۇ يازغۇچىلارنىڭ «ئوغۇل يىغىنغا قاتناشتى»، «نورما»، «تار كوچىدا»، «تەرەپنىڭ ۋەكىلى» قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايىلىرىنى ۋە شاڭخەي كىنو سىتۇدىيىسىدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان «دۇڭ سۇنرۈي»، «سۇلۇق يېزىدا باھار»، «ئانا»، «يايلاقتىكى باتۇر قۇش» قاتارلىق بىرمۇنچە فىلىملەرنىڭ سېنارىيىلىرىنى تەرجىمە قىلدى. 1978- يىلى مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ئەدەبىيات-سەنئەتتەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇزىكا تەتقىقات ئورنى توپلاپ نەشر قىلغان «شىنجاڭ ئىلى خەلقناخشىلىرى»نىڭ تېكىستلىرىنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىپ بەردى (خۇ جىڭخۇا بىلەن). 1979- يىلى تېيىپچان ئېلىيۇف، ئابدۇكېرىم خوجا قاتارلىق شائىر ۋە تەرجىمانلار بىلەن بىرلىكتە «تيەنئەنمىن شېئىرلىرى»نىڭ تەرجىمە-تەھرىرلىكىگە قاتناشتى. 1978 - يىلى باجىننىڭ «ئائىلە» رومانىنى، 1983 - يىلى دۇنياۋى مەشھۇر رومان «دېڭىز سەرگەردانى»، «روبىنزون كروزو»نى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلدى.

  تۆھپىكار ئوغلانلارنى خەلق ئۇلۇغلايدۇ، خەلق ئۇلۇغلىغانلاردىن تەشكىل سۆيۈنىدۇ. ئۇلار ھامان خەلقنىڭ، تەشكىلنىڭ ئىشەنچ ۋە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ. خەمىت تۆمۈر 1979 - يىلى دوتسېنتلىققا باھالىنىپ، 1986 - يىلى پىروفېسسورلۇققا ئۆستۈرۈلدى؛ 1959 - يىلىدىن 1977- يىلىغىچە بېيجىڭ شەھەرلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى بولدى؛ 1977 - يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ قاتناشتى؛ 1981 -يىلدىن ھازىرغىچە ئۇدا تۆت قارار گوۋۇيۈەن ئىلمىي ئۇنۋان كومىتېتى پەنلەر بويىچەباھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1998 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇرئاپتونوم رايونلۇق تارىخىي ماتېرىياللار تەتقىقات يۇرتىنىڭ تەتقىقاتچىلىقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1980 - يىلىدىن باشلاپ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جۇڭگو تۈركىي تىللار تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى ۋە مۇدىرلىقىغا، جۇڭگو مىللەتلەر قەدىمكى يېزىقلىرى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ۋە جۇڭگو مىللەتلەر تىللىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، دۆلەت مىللىي ئىشلار كومىتېتى (مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى) ئىلىم ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا ۋە مىللىي مەسىلىلەر تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، جۇڭگو ئۇيغۇر تارىخى-مەدەنىيىتى جەمئىيىتى مۇدىرىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا سايلاندى ياكى تەكلىپ قىلىندى؛ 1983 - يىلى جۇڭگو تىل ئىلمىي جەمئىيىتىگەقاتناشتى؛ 1993- يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورلۇقىغا، 1994- يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئاز سانلىق مىلللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى بويىچەماگىستىرلىق نۇقتىسىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورلۇقىغا؛ 1995 - يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى پىروفېسسورلۇقىغا تەكلىپ قىلىندى؛ 1995- يىلى ئاپتونوم رايون بويىچە ئىلغار خىزمەتچى بولۇپ تەقدىرلەندى ۋە شۇنىڭدىن باشلاپ گوۋۇيۈەننىڭ تۆھپىكار مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ياردەم مائاشىدىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىدى. بىز ئۆزىنى بىر ئۆمۈر مىللىتىمىز پەن-مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسى بولغان تىل-يېزىق ۋە تەرجىمە ساھەسىگە بېغىشلاپ، زور نەتىجىلەرنى ياراتقان ۋە بۇ ساھەنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللانغان بۇ تىرىشچان، كەمتەر، ئىلىمدا ئەستايىدىل ۋە ئەمەلىيەتچىل ئۇستازلىرىمىزنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت-سائادەت، كېيىنكى ئىشلىرىغا ئۇتۇق-ئامەت تىلەيمىز!

  (ئاتاقلىق تىلشۇناس ھەم پېشقەدەم ئۇستاز خەمىت تۆمۈر كېسەل سەۋەبىدىن 2006- يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالەمدىن ئۆتتى. مەرھۇم ئۇستازنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي!)
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر