باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ئىسپانىيە پۇتبول كوماندىسى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 23 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

ئىنىستا تىزىملىككە كىردى، موراتا تاللىنالمىدى

2018.05.23 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بېيجىڭ ۋاقتى 21-ماي كەچتە، ئىسپانىيە پۇتبول كوماندىسى دۇنيا پۇتبول لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان 23 كىشىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، چېلسىي كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى موراتا تىزىملىككە تاللىنالمىدى، ئۆزىنىڭ بارسېلونادىكى پۇتبول ھاياتىنى تېخى يېڭىلا ئاخىرلاشتۇرغان ئىنىستا كوماندا بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەگە بارىدىغان بولدى. ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا يىغىلىدۇ، ئۇلار 3-ئىيۇندىكى تەييارلىق مۇسابىقىدە ئۆز مەيدانىدا شىۋېيتسارىيە كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ، ئاندىن 6-ئاينىڭ 9-كۈنى رۇسىيەدە تۇنىس بىلەن بىر مەيدان تەييارلىق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە، ئىسپانىيە پورتۇگالىيە، ماراكەش ۋە ئىران بىلەن بىر گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن.

  ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ تىزىملىكى:

  ۋارىتار: دېخىيا (مانچېستېر بىرلەشمىسى)، رېينا (ناپولىس)، كەرپېر (ئىسپانىيە ئاتلىتىك كۇلۇب <بىلبال رىقابەت>).

  بېك: راموس (خان جەمەتى مادرىد)، پىكې (بارسېلونا)، ناچو (خان جەمەتى مادرىد)، ئالبا (بارسېلونا)، كارۋاخال (خان جەمەتى مادرىد)، ئازپىلىكۈيتا (چېلسى)، ئودرىيوزولا (خان جەمەتى سوسىئايتىد)، مونرېئال (ئارسېنال).

  ئوتتۇرا مەيدان: داۋىد سىلۋا (مانچېستىر شەھىرى)، بۇسكۇتس (بارسېلونا)، ئىنىستا (بارسېلونا)، ئىسكو (خان جەمەتى مادرىد)، ئاسىنسيو (خان جەمەتى مادرىد)، سائۇل (مادرىد رىقابەت)، كوكۇ (مادرىد رىقابەت)، تياگو (بايرېن ميۇنخېن).

  ھۇجۇمچى: دېيگو كوستا (مادرىد رىقابەت)، ئاسپاس (RC سېلتا)، لۇكاس ۋاسكېس (خان جەمەتى مادرىد)، رودرىگو (ۋالېنسىيا).

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر