باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>تەنتەربىيە خەۋەرلىرى

ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە C رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزدى

2016.04.13 14:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مانچىستېر ۋە خانلىق مادرېت كوماندىسى 12-ئاپرېل ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ تۆت كۈچلۈكلەر مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، ئايرىم-ئايرىم پارىژ سان-گېرمان ۋە ۋولفسبۇرگنى يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

  تۇنجى ئۇچرىشىشتا 2:2 نەتىجە بىلەن بۈيۈك پارىژ كوماندىسىنى يەڭگەن مانچىستىر بۇ قېتىم 1:0 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ، ئىككى ئۇچرىشىشتا 3:2 نەتىجە بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، بۇ ھەم مانچىستىرنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىشى بولۇپ قالدى.

  خانلىق مادرېت كوماندىسى مەيداندا مۆجىزە ياراتتى، كرېستيانو رونالدو ئۈچ توپ كىرگۈزدى، مۇسابىقە 3:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتى، تۇنجى ئۇچرىشىشتا ۋولفسبۇرگ 2:0 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرېتقا ئېغىر زەربە بەرگەن ئىدى، خانلىق مادرېت 3:2 ئومۇمىي نەتىجە بىلەن يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

  ياۋروپا چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان باشقا ئىككى كوماندا 13-ئاپرېل بارلىققا كېلىدۇ، ئالدىنقى چېمپىيون بارسېلونا كوماندىسى مادرېت ماھارەت كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ، بايرىم ميۇنخىن كوماندىسى پۇرتۇگالىيەنىڭ بېنفىكا كوماندىسى بىلەن تۇتۇشىدۇ. تۇنجى تۇتۇشۇشتا، بارسېلونا 2:1 نەتىجە بىلەن؛ بايرىن ميۇنخىن 1:0 نەتىجە بىلەن يەڭدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر