باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى يېتەكچى پىكىر بېسىپ تارقاتتى

تەبىئىي بايلىق مۈلۈك تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

2019.04.15 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ۋە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «تەبىئىي بايلىق مۈلكى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەمدە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن ئۇنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى .

  «تەبىئىي بايلىق مۈلكى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە :

  تەبىئىي بايلىق مۈلكى تۈزۈمى بولسا، ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئۇل خاراكتېرلىك تۈزۈم ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھات ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ تەبىئىي بايلىق مۈلۈك تۈزۈمى تەدرىجىي ئورنىتىلىپ، تەبىئىي بايلىقتىن تېجەشلىك ۋە تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش، ھەم ئۇنى ئۈنۈملۈك قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئاكتىپ رول ئوينىدى، لېكىن، بۇنىڭدا تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ تېگى-تەكتى ئېنىق بولماسلىق، ئىگىدارلىق قىلغۇچى جايىدا بولماسلىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيەت ئېنىق بولماسلىق، ھوقۇق-مەنپەئەت ئەمەلىيلەشمەسلىك، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە قوغداش تۈزۈمى مۇكەممەل بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە مۈلۈك ھوقۇقى ماجىرالىرى كۆپ يۈز بېرىش، بايلىقنى قوغداش ئاجىز بولۇش، ئېچىپ پايدىلىنىش يىرىك بولۇش، ئېكولوگىيەنىڭ چېكىنىشى ئېغىر بولۇشتەك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تەبىئىي بايلىق مۈلكى تۈزۈمىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. (تولۇق تېكىستىنى ئۇلىنىشتىن كۆرۈڭ)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر