باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاشنى بىر جايدىلا بېجىرىشكە بولىدىغان بولدى

2019.04.15 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئۇچۇرىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۆز ئورۇنلىرىغا بېكىنىۋېلىپلا ئايرىم بىجىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتى يېقىندا بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەملىكەت بويىچە كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئاپپاراتى ۋە بانكا قاتارلىق پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇپ تىزىملاش ۋە رەنىلىك قەرز ئېلىپ خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش نۇقتىسىنى تەسىس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، كارخانا ۋە ئامما ماس قەدەمدە توختام ئىمزالاش، قەرز ئېلىشنى تەستىقلىتىش ۋە كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇپ تىزىملىتىش قاتارلىقلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىپ، «بىر جايدىلا بىجىرىش»تەك قولاي مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىنىدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىككى تارماق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش سىستېمىسىنى ئىشقا سېلىپ، توردا ئۇچۇر سۈرۈشتۈرۈش ۋە رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش ئىلتىماسىنى بىر يوللا بىجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئالاقە تورى + كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش»تەك ئىش بېجىرىش قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈدىكەن. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، 31 ئۆلكىنىڭ تەبىئىي بايلىق ھوقۇقىنى بېكىتىپ تىزىملاش تارمىقى بانكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىشىپ، ھۆججەت تارقىتىپ ياكى بانكا كەسپىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالىشىپ، تۈرلۈك بانكىلاردا رەنىگە قويۇشنى تىزىملاش ئېغىزلىرى ياكى بېجىرىش نۇقتىلىرىدىن 4257نى ئاچقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر