باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كۆپلىگەن جايلاردا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلدى، بۇ ئىككى خىل كىشىلەرنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى تېخىمۇ كۆپ ئۆستى

2019.02.14 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلى بولسا، پۇقرالارنىڭ "تىرىكچىلىك پۇلى"دۇر. بۇ يىل كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ قاچان ئۆسۈدىغانلىقى ھەققىدە پېنسىيەگە چىققان كەڭ خادىملار ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. نۆۋەتتە، بەزى جايلار شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى باشلامچى بولۇپ ئۆستۈردى. بۇنىڭدا، ئىككى خىل كىشىلەرنىڭ كۈتۈنۈش پۇلى تېخىمۇ كۆپ ئۆستى.

  كۆپلىگەن جايلاردا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆستۈرۈلدى

  پۈتۈن مەملىكەتتە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى 2018- يىلى ھەر بىر كىشىگە ھەر ئايدا 88 يۈەن قىلىپ ئۆستۈرۈلدى. پۈتۈن مەملىكەتتە ئەڭ تۆۋەن ئۆلچەمنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە ئەگىشىپ، 2019- يىلى كۆپلىگەن جايلارنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىمۇ ئۆستۈرۈلدى.

  خېنەن ئۆلكىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا بەش يۈەندىن كۆپەيتىپ بەردى، يەنى ھەر ئادەمگە ھەر ئايدا 98 يۈەندىن 103 يۈەنگىچە قوشۇپ بېرىشنى قارار قىلدى، بۇ سىياسەتتىن پۈتۈن ئۆلكە بويىچە 15 مىليون 128 مىڭ نەپەر ياشانغان شەھەر-يېزا ئاھالىسى نەپكە ئېرىشىدۇ.

  گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتتا مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: 2019- يىلى ئۆلكە بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ھەر بىر ئادەمگە ھەر ئايدا 148 يۈەندىن 170 يۈەنگە ئۆستۈرۈلدى؛ نىڭشيادا، 2019- يىلدىن باشلاپ ئۇدا ئۈچ يىلغىچە ھەر يىلى ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەپ، ھەر بىر كىشىگە بەش يۈەندىن كۆپەيتىپ بېرىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  بەزىلەر بەلكىم شۇنداق سورىشى مۇمكىن، يەنى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى دىگەن نېمە؟ بىز ئالدى بىلەن بۇ ھەقتىكى بىلىمنى ئوموملاشتۇرايلى: بۇنىڭدا، "شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى" بىلەن "كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرى قاتناشقان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى" بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتا تەمىناتى دېگەندە، ئۇ، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ۋە شەخسىي ئىسچوت كۈتۈنۈش پۇلىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، مەركەز ئالدى بىلەن ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمىنى بېكىتكەن، يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن، ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلى ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرسە بولىدۇ.

  نۆۋەتتە، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلار 500 مىليوندىن ئاشقان بولۇپ، تەمىنات ئالىدىغانلارنىڭ سانى 150 مىليوندىن ئاشقان، 2019- يىلى كۆپلىگەن جايلاردا شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ئۆسىشىگە ئەگىشىپ، بىر تۈركۈم شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر