باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ئالىملىرى ئۆي ئىچى ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرىدىغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور پەردە» تەتقىق قىلىپ چىقتى

2019.02.14 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىن يۈ شۇخوڭ كوللېكتىپى «يۇقۇملاندۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن قۇراشتۇرۇلۇش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، ياساش-تەييارلاش سۈرئىتى تېز، تەننەرخى تۆۋەن بولغان «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور پەردە» ماتېرىيالىنى تەتقىق قىلىپ چىققان بولۇپ، بۇنىڭ ئۆي ھاۋاسىنى ساپلاشتۇرۇش ئۈنۈمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %99.65كە يېتىدىكەن، 50 سېكۇنت ئىچىدە ھاۋادىكى PM2.5نىڭ قويۇقلۇقىنى «ئېغىر بۇلغىنىش»تىن ساپلاشتۇرۇپ «ئەلا» دەرىجىسىگە يەتكۈزەلەيدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، تەخمىنەن 7.5 كىۋادرات مېتىرلىق «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور پەردە» ياساشنىڭ تەننەرخى ئاران 100 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن. بۇ خىل ماتېرىيال ئىسسىقتا رەڭگى ئۆزگىرىدىغان بوياق ماتېرىيال بىلەن بىرىكىپ، ئۆي ئىچىنىڭ يورۇتۇش كۈچىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، يەنە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۇمان يىغقۇچ بولۇپ، ئۆي ئىچىدىكى ھاۋانى ساپلاشتۇرالايدىكەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ خىل «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور پەردە» تۇمان- تۈتەكلەرنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، ئېتانول ئېرىتمىسىگە 20 مىنۇت چىلاپ قويۇلسىلا، پاكىز يۇيۇپ تازىلىغىلى ھەمدە قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. نەچچە يۈز قېتىم تەكرار ئىشلەتكەندىمۇ، ئۇنىڭ ساپلاشتۇرۇش ئۈنۈمى يەنىلا مۇقىم بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر