سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 12-كۈنى، مىسىر پايتەختى قاھىرەدە، بىر ئەر جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىدە خاتىرە قالدۇرماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە 2-ئاينىڭ 12- كۈنى كەچتە قاھىرە تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىگە قويۇلغان قىممەتلىك سۈرەت، يېزىق ماتېرىياللىرى ئارقىلىق جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىكى ئۇنتۇلماس مۇساپە ۋە شانلىق نەتىجىلەردىن جۇڭگو ۋە چەت ئەل خەلقى ھەمبەھىرلىنىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىۋاتقان گۈزەل ئىستىقبالى نامايان قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى