سۈرەتتە: 2-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىچاڭ شەھىرىنىڭ خۇاڭشۇي يېزىسى لۇخې كەنتىدىكى ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىدا، ئوت ئۆچۈرۈش خادىملىرى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئۆچۈرمەكتە.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-فېۋرال سائەت 19 ئەتراپىدا، سىچۈەن شىچاڭ شەھىرى خۇاڭشۇي يېزىسى لۇخې كەنتىدە ئورمان ئوت ئاپىتى يۈز بەردى، ئوت كېتىش مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى كەسپىي ئوت ئۆچۈرۈش ئەترىتى ۋە ئامما دەرھال تەشكىللىنىپ ئوت ئۆچۈردى. 13- فېۋرال سائەت 18گىچە، ئوت كەتكەن كۆلەم تەخمىنەن 17 گېكتار بولۇپ، ئوت ئومۇميۈزلۈك كونترول قىلىندى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى