باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلدى

2019.02.14 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش تۈزۈمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. 1999-يىلى، گوۋۇيۈەننىڭ «شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى نىزامى» ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلۇپ، شەھەر ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلدى. 2007-يىلى، گوۋۇيۈەن «مەملىكەت بويىچە يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى، 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، مەملىكەت بويىچە يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمىنىڭ شەھەر-يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2018-يىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە شەھەر- يېزىلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى 46 مىليون 200 مىڭ ئادەم بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتلىرى 10 مىليون 690 مىڭ ئادەم، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوبيېكتى 35 مىليون 510 مىڭ ئادەم بولدى.

  قۇتقۇزۇشقا مۇھتاج ئوبيېكتلارنى تۆۋەن كاپالەت دائىرىسىگە كىرگۈزۈشتىن باشقا، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆستى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە شەھەر تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئوتتۇرىچە ئۆلچىمى ھەربىر كىشىگە ھەر ئايدا 575 يۈەنگە يەتتى، يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ھەربىر كىشىگە ھەر يىلدا 4754 يۈەنگە يەتتى، بۇ، ئالدىنقى يىلدىكىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %7.6، %12.9 ئاشتى، «تۆۋەن چەكنى ساقلاش»تىن سىرت، يەنە «تۆۋەن چەك» بارغانسېرى ئىللىق بولدى.

  2015-يىلى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يەنە مالىيە مىنىستىرلىقى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «گوۋۇيۈەننىڭ قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەرگە تۇرمۇش تولۇقلىمىسى بېرىش ۋە ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرگە كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىدىكى مېيىپلەرنى تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزدى، ئېغىر دەرىجىدىكى مېيىپلەرنى كۈتۈنۈش ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى قاتارىغا كىرگۈزدى ھەمدە شارائىتى بار جايلارنىڭ ياردەم بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئىلھاملاندۇرۇلدى. نۆۋەتتە، مېيىپلەرگە ئىككى تۈرلۈك ياردەم پۇلى بېرىش تۈزۈمى ئايرىم-ئايرىم 11 مىليوندىن ئارتۇق قىيىنچىلىقى بار مېيىپلەر ۋە 11 مىليوندىن ئارتۇق ئېغىر دەرىجىدىكى مىيىپلەرنى قاپلاپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مەخسۇس مېيىپلەر توپىغا قارىتىلغان مەخسۇس پاراۋانلىق تولۇقلىمىسى بولۇپ قالدى، بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

  جايلاردا قۇتقۇزۇش- باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى، مۇقىم قۇتقۇزۇش نۇقتىسى، كۆچمە قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە مەخسۇس ئاپپارات بىلەن ئامما بىرلەشتۈرۈلگەن قۇتقۇزۇش قوشۇنىدىن تەركىب تاپقان قۇتقۇزۇش مۇلازىمەت تورى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا ۋاقتىدا ياردەم قىلىشقا شارائىت يارىتىلدى. 2018-يىلى، جەمئىي قۇتقۇزۇلغان تىرىكچىلىك يولى يوق سەرگەردان تىلەمچىلەر 1 مىليون 200 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر