باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى: ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش كېرەك

2019.02.14 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىلگىركىدەك «بوش قالغان كەنت» بۈگۈنكىدەك «خۇش مىجەزلىك» كەنتكە ئايلاندى. بۇنىڭدا، مەدەنىيەت ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆز نەتىجىسىنى كۆرسىتىپ، ئۇ، گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى لېيشەن ناھىيەسى مالياۋ كەنتنىڭ قىياپىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى: يەنى، مالياۋ كەنتى ئەنئەنىۋى ھۈنەرـ سەنئەتتە خىزمەت پونكىتىگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئىتى ھېسابلىنىدىغان «كۈمۈش بىلەن قويۇش ھۈنۈرى» ئارقىلىق، كۈمۈش بېزەكلىرىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش، سېتىش ۋە تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇپ، ساياھەتچىلەر ياخشى كۆرىدىغان بېزەكلەر ۋە خاتىرە بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، سەھرا ساياھەتچىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى كۈندىن كۈنگە ياخشىلاندى.

  بۇ بولسا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە ياردەم بېرىشتىكى يېڭى ئىزدىنىشىدۇر، شۇنداقلا مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى باش بولۇپ، ھەمدە سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە «جۇڭگوچە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈش پىلانى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۇپ، 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان "جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە ئەنئەنىۋى ھۈنەر-سەنئەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش" تەكلىپىنىڭ ئەستايىدىل ھالدا ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ بېجىرىلىشىگە نۇقتىلىق ھالدا ھەيدەكچىلىك قىلىنىشىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر