باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى يېڭى تۈزۈم ئېلان قىلدى

ئالاھىدە تۈردىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشىنى باشقۇرۇش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ

2019.02.14 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13- فېۋرال، مۇخبىرنىڭ جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى «ئالاھىدە خىلدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلارنى سىناق تەرىقىسىدە باشقۇرۇش قائىدىسى (ۋاقىتلىق) » دېگەن قائىدىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، ھەرىكەت خەۋپ-خەتىرى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشىنى باشقۇرۇشنى تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ قائىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ بەزى تىپىك ھەرىكەت قىلىش كۆرۈنۈش ئاستىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلىرىنىڭ يۈرۈشىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش تەستىقلاندى.

  نۆۋەتتە، خەلقئارادا پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشى ھەققىدە تېخى دېگەندەك پىشقان باشقۇرۇش تەجرىبىسى يوق. تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاۋۋال سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش ۋە تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش پرىنسىپىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا، ھەمدە پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى ئۇچقۇرلارنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ئاساسەن، خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى ئالاھىدە خىلدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ياكى ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشىنى باشقۇرۇشنى تەدرىجىي قېلىپلاشتۇرماقچى بولدى. ئالاھىدە خىلدىكى پۇقراۋى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشى دېگەندە، ئۇچۇش ئېغىرلىقى 25 كىلوگىرامدىن 150 كىلوگرامغىچە بولغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشى، 7 كىلوگرامدىن 25 كىلوگرامغىچە بولغان، ئەمما خەتىرى چوڭراق بولغان ئالاھىدە تۈرىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشى ۋە 150 كىلوگىرامدىن يۇقىرى بولغان، يۈرۈش خەتىرى ئازراق بولغان ئالاھىدە تۈرىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشى قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

  خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرىقى بۇ قائىدە ئۇچۇش ئبغىرلىقى 7 كىلوگرامدىن تۆۋەن بولغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشى، ئۆسۈملۈك ئاسراشتا قوللىنىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ۋە ئادەمسىز دىرىژابىلدىن باشقا كۆپ قىسىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان-ئۇچقۇرلارنىڭ يۈرۈشىگە قوللىنىلسا بولىدۇ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇتلەق كۆپ قىسىم مەشغۇلات تۈرىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى يۈرۈش خەتىرىنى باھالاشتا ئالاھىدە بىر خىل ئۇسۇلنى قوللىنىدۇ. بۇنىڭدا، تەكشۈرۈپ بېكىتىش رەسمىيىتى ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش، بىخەتەرلىكنى باھالاش، يۈرۈشنى تەكشۈرۈش ۋە سىناق تەرىقىسىدە تەستىقلاش قاتارلىقلار ئۆز ئىچىگە ئېلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر