باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ لائوس خەلق ئارمىيىسىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن قۇرۇپ بەرگەن 103- دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال داۋالاش بىناسى كېسەل كۆرۈشكە باشلىدى

2019.01.21 15:34         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى شۇ دوختۇرخانا قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ چىقىرىپ ياردەم قىلىپ قۇرۇپ بەرگەن لائوس خەلق ئارمىيىسى 103- دوختۇرخانىسىنىڭ ئۇنىۋېرسال داۋالاش بىناسىدا قۇرۇلۇشنى تاماملاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىپ كېسەل كۆرۈشكە باشلاش مۇراسىمى، شۇ جاي ۋاقتى 19- چېسلا چۈشتىن كېيىن لائوسنىڭ پايتەختى ۋيېنتياندا ئۆتكۈزۈلدى .

  103- دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى مۇنداق دېدى: بۇ ئۇنىۋېرسال داۋالاش بىناسىنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى چىرايلىق، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ناھايىتى يۇقىرى بولدى. لائوس خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ھارپىسىدا، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىزگە قىممەتلىك بۇ سوۋغاتنى بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز. بىنانىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمى 24 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بۇنىڭدا 300 كىشىلىك كېسەل كارىۋاتلىرى ۋە ئالتە ئېغىزلىق ئوپېراتىسيە ئۆيى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، لايىھەلەنگەن كۈندىلىك كېسەل كۆرۈش مىقدارى تەخمىنەن 3000 كىشىگە يېتىدۇ، ھەمدەCT ، يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ۋە قورساق بوشلۇقى ئەينىكى قاتارلىق ئىلغار داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى بار، كۆكرەك تاشقى بۆلۈمى، نېرۋا تاشقى بۆلۈمى ۋە بۆرەك دىئالىزى قاتارلىقلار جەھەتتىكى ھەرخىل ئوپېراتسىيەلەرنى قانات يايدۇرغىلى بولىدۇ. بۇ نۆۋەتتە لائۇستىكى ھەربىي دوختۇرخانىلار ئىچىدە قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، داۋالاش ئەسلىھەلىرى ئەڭ ئىلغار بولغان داۋالاش بىناسى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر