باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو جەنۇبىي تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە ھەقىقىي پايدا ئېلىپ كەلدى

2019.01.16 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان ئارال دۆلەتلەرگە چامىسىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىپ، شۇ دۆلەت پۇقرالىرىغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى، شۇنداقلا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. ساموئا ۋە فېيجىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياردەم بەرگەن ئىككى يېزا ئىگىلىك تۈرىدىن مول نەتىجىلەر قولغا كېلىپ، يەرلىك ھۆكۈمەت ۋە خەلقنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  يېزا ئىگىلىكى گەرچە ساموئانىڭ تۈۋرۈكلۈك كەسپى بولسىمۇ ئەمما تېرىلىدىغان زىرائەتلەر ئاساسلىقى كوكۇس، تارو، بانان قاتارلىق بىرقانچە تۈرگە مەركەزلەشكەن ئىدى، يېمەكلىكتە يەنىلا ئىمپورتقا بەكرەك تايىناتتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، يېمەكلىك ئىمپورتىنى ئازايتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى كۆپەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېمەكلىك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش ساموئانىڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىياتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىدى، 2010-يىلى جۇڭگو ۋە ساموئا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق تۈرى بولغان خۇنەن ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك تاشقى ئىقتىساد ھەمكارلىق مەركىزى مەسئۇل بولۇپ يولغا قويغان جۇڭگونىڭ ساموئانىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىغا ياردەم بېرىش تۈرى رەسمىي باشلاندى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، جۇڭگونىڭ ساموئانىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىغا ياردەم بېرىش تۈرىدە ئايلانما يېزا ئىگىلىكى، ئېكولوگىيە يېزا ئىگىلىكى، تۆۋەن كاربونلۇق يېزا ئىگىلىك نەزەرىيەسى يېتەكچى قىلىنغان بولۇپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، بېلىقچىلىق بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ئىسسىق بەلباغ كۆكتاتلىرىنى پارنىكتا تېرىش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلار كېڭەيتىلگەن، ئەسلىھە قۇرۇلۇشى بىلەن تېخنىكىنى قوللىنىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش، ئۈلگە كۆرسىتىش دېھقانچىلىق مەيدانى بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىش دېھقانلار ئائىلىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر ئۈلگە كۆرسىتىش دېھقانچىلىق مەيدانى، توققۇز يېزا ئىگىلىك پونكىتى، 100 ئۈلگە كۆرسىتىش دېھقانلار ئائىلىسى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى كېڭەيتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇپ، يەتتە مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق كىشى تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلىنىپ، ساموئانىڭ كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈلگەن، كۆكتات تۈرى ۋە تەمىنات ئىقتىدارى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلۇپ، ساموئا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

  ساموئا يېزا ئىگىلىك ۋە بېلىقچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى خېنتېر ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش دېھقانچىلىق مەيدانى تۈرى پارىنكتا ئۆستۈرۈش سىنىقىغا قاتناشقان دېھقان جون بىردەك مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ ئىنتايىن مۇھىم شۇنداقلا ئۈنۈملۈك تۈر بولۇپ، ئاممىنىڭ يېمەك ئىچمەك قۇرۇلمىسىنى ياخشىلاش بىلەن بىرگە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغىمۇ ياردەم بەردى، ساموئانىڭ پارلامېنت باشلىقى فافېيسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تۈر ساموئا ئاممىسىغا ھەقىقىي نەپ ئېلىپ كەلدى، ساموئا يېزا ئىگىلىكىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا پايدا يەتكۈزدى، جۇڭگونىڭ ساموئاغا خالىسانە ياردەم بەرگەنلىكىگە ئىنتايىن رەھمەت.

  فېيجىدا جۇڭگو ياردەم بەرگەن زەمبۇرۇغ ئوت تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزى تۈرىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلدى، مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لىن جەنسېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ تۈر 2014-يىلى باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىتى تېخنىكىدا تەربىيەلەش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ كېڭەيتىش ئارقىلىق فېيجىنىڭ زەمبۇرۇغ ئوتى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، فېيجىڭنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۆپەيتىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا بىر يېڭى يول ئېچىپ بېرىش. نۆۋەتتە بۇ تۈر جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئارال دۆلەتلەرنىڭ زەمبۇرۇغ ئوت كەسپىنىڭ مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى بولۇپ قالدى.

  زەمبۇرۇغ ئوت فېيجىدا خاسىيەتلىك ئوت دەپ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ئۇنى زور كۆلەمدە تېرىىشقا بولۇپلا قالماي يەنە سۇ تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چارۋا يەم خەشەكلىرىنىڭ قۇرغاق پەسىلدە كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ئىشلىتىشكە بولىدۇ شۇنداقلا يەنە ئۇنىڭدىن موگۇ يېتىشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ يېمەكلىك تاللىشىنى موللاشتۇرۇشقا، ئۇلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشكىمۇ بولىدۇ، جۇڭگو مۇتەخەسسىسلىرى زەمبۇرۇغ ئوت تېرىش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن كەنت، دېڭىز، ئاراللارغا، ئېتىز باشلىرىغا ،ھەتتا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىگە باردى، تەربىيەلەپ، ئۈلگە كۆرسەتتى. نۆۋەتتە فېيجىدا ئالتە گېكتارلىق زەمبۇرۇخ ئوت تېرىش رايونىدىن بىرسى، ئىككى گېكتار مانگوزارلىقتا زەمبۇرۇغ ئوتىنى قوشۇپ تېرىپ ئايلانما پايدىلىنىش ئولگە كۆرسىتىش رايونىدىن بىرسى شۇنداقلا كۆلىمى بىر گىكتار كېلىدىغان تەربىيەلەش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش رايونىدىن بىرسى قۇرۇلدى، زەمبۇرۇغ ئوت تېرىش، موگۇ يېتىشتۈرۈش نۇرغۇن رايونلاردا ئاممىنىڭ قارشى ئېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.

  فېيجى يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى زەمبۇرۇغ ئوت تېرىش تەربىيەلەش تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى كارومېيلا مۇنداق دېدى: زەمبۇرۇغ ئوتى تۈرىنىڭ ياردىمى كۆپ بولدى، بەك ئەسقاتتى، فېيجى ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا پايتەخت سۇۋانىڭ ئەتراپىدىكى كەنتلەردە قانات يايدۇرۇلغان زەمبۇرۇغ ئوت ۋە موگۇ تېرىش بويىچە تەربىيەلەش ھەرىكىتى ئىنتايىن ئالقىشلاندى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىناپ تېرىش ئۈنۈمىمۇ ناھايىتى ياخشى بولدى، جۇڭگولۇق تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ جاپادىن قاچماي، فېيجى ئاممىسىغا مۇشۇنداق ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت.

  فېيجى زۇڭتۇڭى كونروت ۋە زۇڭلىسى مۇبەينىماراما ئىلگىرى زەمبۇرۇغ ئوت تېخنىكىسى ئۈلگە كۆرسىتىش مەركىزىنى زىيارەت قىلغان شۇنداقلا: بۇ خەلق تۇرمۇشىغا بەخت يارىتىدىغان ياخشى تۈر ئىكەن دەپ ماختىغان، جۇڭگونىڭ فېيجىگە بەرگەن ياردىمىگە رەھمەت ئېيتقان ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر