باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مائارىپى: قاينام-تاشقىنلىقتا ئۆتكەن 40 يىل

چېن باۋخۇا

2018.12.17 14:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1978 - يىلى دېكابىر ئېيىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 11ـ نۆۋەتلىك 3ـ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىپ، جۇڭگودا ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ دەۋر مۇقەددىمىسى باشلاندى. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيىمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىش دېگەندەك مۇساپىلەردىن ئۆتۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەرەققى قىلىپ قۇدرەت تېپىش يولى بويىچە ئۇلۇغ ھالقىشتەك بۇ يېڭى مۇساپىنى كۈتۈۋالدى، ھەم شۇنداقلا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا دۇنيانى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن ۋە قاينام-تاشقىنلىققا تولغان بىر پارچە ھەيۋەتلىك تارىخ كارتىنىسىنى سىزىپ چىقتى.

  مائارىپ بولسا، ئىسلاھاتنىڭ باشلامچىسى، ئىسلاھاتتىن نەپ ئالغۇچى ۋە ئىسلاھات ئۈچۈن ياردەمچى كۈچ ھېسابلىنىۇ. 40 يىلدىن بۇرۇنقى جۇڭگو بارلىق ئىشلارنى قايتىدىن باشلاشقا توغرا كەلگەن بىر ھالەتتە ئىدى. شۇ مەزگىلدە، يولداش دېڭ شياۋپىڭ ئەھۋالنى تارىخىي نۇقتىدىن كۆزىتىشتەك يۈكسەك سەزگۈرلىكى بويىچە يوليورۇق كۆرسىتىپ، «قۇرۇق گەپ بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن بىلىم بولۇشى كېرەك، ئىختىساسلىقلار بولۇشى كېرەك.» دېگەن ئىدى. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى بىلەن مىليونلىغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىغا ئوت تۇتاشتى، مائارىپ ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش تەدرىجىي ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى قىلىپ بېكىتىلدى، بىلىمگە ۋە ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىش شۇ ۋاقىتتا دەۋرنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك ساداسى بولۇپ قالدى، جۇڭگو مائارىپى شۇندىن ئېتىبارەن تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا كىردى... ... ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بىز پارتىيەنىڭ مائارىپ خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنىڭ ئۇنى ئالدى بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزملىق يولىنى تېپىپ چىقتۇق. 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو مائارىپىدا تارىخىي خاراكتېرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ھەمدە تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيە-ئەخلاق ساپاسى ۋە پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلۈپ، مائارىپنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات سەۋىيەسى دۇنيادا ئوتتۇرا ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەۋىيەدىكى دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسى قاتارىغا ئۆتۈپ، نەتىجىدە، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز، تەرەققىياتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور ۋە ئالاھىدىلىكى ئەڭ روشەن بولغان مائارىپ بەرپا قىلىندى.

  40 يىللىق تەرەققىيات ھالقىما خاراكتېرلىك بولدى. 1978- يىلى ئېلىمىزدە باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرىغا ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى %60.5نى ئىگىلىگەن ئىدى، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى 856 مىڭ، ئاسپىرانتلارنىڭ سانى 10 مىڭ ئىدى. ئاشۇنداق ئىنتايىن ئاجىز بولغان ئاساستا، 40 يىل تىرىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەرنىڭ سانى 514 مىڭغا، ئوقۇغۇچىلار سانى 270 مىليونغا يەتتى. ھازىر ئېلىمىزنىڭ مائارىپ كۆلىمى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپىنىڭ ئۈچ يىل بۇرۇن يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى %10.6تىن %79.6كە كۆتۈرۈلدى، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ئەسلىدىكى %94تىن %99.9كە كۆتۈرۈلدى، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇشقا كىرىشنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى ئەسلىدىكى %66.4تىن %103.5كە كۆتۈرۈلدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا ئوقۇشقا كىرىشنىڭ ئومۇمىي نىسبىتى ئەسلىدىكى %33.6تىن %88.3كە كۆتۈرۈلدى، ئالىي مائارىپنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى ئەسلىدىكى %2.7تىن %45.7كە كۆتۈرۈلدى. يۇقىرىقى جەھەتلەردە، ئېلىمىزنىڭ مائارىپى ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى كىرىملىك دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يەتتى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى. ئېلىمىز قىسقىغىنا 20 نەچچە يىل ۋاقىت ئىچىدە، غەرب ئەللىرىنىڭ 100 يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ بېسىپ ئۆتكەن مەجبۇرىيەت مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش يولىنى بېسىپ ئۆتۈپ، سۈرئەت جەھەتتە، بەزى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردىن ئېشىپ كەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر