باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«100 قىزىل تۇتۇش بۇيرىقى»دىكى جياڭ لېي ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلىپ، قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ قولغا چۈشكەن 55- كىشى بولۇپ قالدى

2018.12.14 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- دېكابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، «100 قىزىل تۇتۇش بۇيرىقى»دىكى جياڭ لېي ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلغان بولۇپ، قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ قولغا چۈشكەن 55-كىشى بولۇپ قالغان.

  12-ئاينىڭ 14-كۈنى، مەركەز چىرىكلىككە قارىشى تۇرۇشنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى خەلقئارادا قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرغۇزۇش خىزمىتى ئىشخانىسىنىڭ بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا، يېڭى زېلاندىيە قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشى ئارقىسىدا، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلار ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك قوغلاپ تۇتۇش ئىشخانىسىنىڭ زىچ ھەمكارلىشىشى بىلەن «100 قىزىل تۇتۇش بۇيرىقى»دىكى جياڭ لېي ۋەتەنگە قايتىپ ئۆزىنى مەلۇم قىلدى. بۇ، قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىپ قولغا چۈشكەن 55- كىشى بولۇپ قالدى.

  جياڭ لېي، ئەر، 1956-يىلى تۇغۇلغان، جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سابىق دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، قوشۇمچە باش كاتىپى (مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك)، جۇڭگو سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئاپتوموبىل كەسىپى شۆبە جەمئىيىتىنىڭ سابىق باشلىقى بولۇپ، خىيانەتچىلىك جىنايىتىگە چېتىلىپ قالغان. 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى يېڭى زېلاندىيەگە قېچىپ كەتكەن. 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى شىچېڭ رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسى ئۇنىڭغا دىلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن، شۇ يىلى 18- ئىيۇن قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان. 2007- يىلى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى، خەلقئارا جىنايى ئىشلار ساقچى تەشكىلاتى جياڭ لېيغا قارىتا قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر