باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالدىنقى 11 ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت كۆلىمى ئالدىنقى پۈتۈن يىلدىكىدىنمۇ ئاشتى

2018.12.14 15:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12- ئاينىڭ 13- كۈنى، سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى 11 ئېيىدا، ئېلىمىزدە ئىمپورت-ئېكسپورتنىڭ مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئېشىپ، ئۇنىڭ ئېشىش كۆلىمى ئالدىنقى بىر يىلدىكى پۈتۈن بىر يىلدىكىدىنمۇ ئېشىپ كەتتى، قۇرۇلمىسى داۋاملىق سەرخىللىشىپ، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئالمىشىشى تېزلىتىپ، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى داۋاملىق ئۆستۈرۈلۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشتى. 11- ئايدا، ئېلىمىزدە ئېكسپورتنىڭ مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 ئاشتى. ئۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە كەلسەك، 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئۇنىڭدا ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 2 پىرسەنت پوئىنت تېزلىشىش كۆرۈلۈپ، ئېشىش ۋەزىيىتى مۇقىم بولدى. ئىمپورت مىقدارى بولسا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 7.8 ئاشتى. ئۇنىڭ ئېشىش سۈرئىتىگە كەلسەك، 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئۇنىڭدا ئومۇمىي ئىمپورتنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 6.8 پىرسەنت پوئىنت تېزلىشىش كۆرۈلدى، ئەمما تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلارنىڭ ئىمپورت مىقدارىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. لېكىن، ئومۇمىي يۈزلىنىشتىن قارىغاندا، ئېلىمىزدە تاشقى سودىنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىدەك تەرەققىيات ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلمىدى. دېمەك، بىزنىڭ تاشقى سودىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە: 2018- يىلى 1- ئايدىن 11- ئايغىچە، ئېلىمىزنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 27 تىرىليون 880 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %11.1 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئېكسپورت سوممىسى 14 تىرىليون 920 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان؛ ئىمپورت سوممىسى 12 تىرىليون 960 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىغا يەتكەن بولۇپ، %14.6 ئاشقان؛ ئاكتىپ بالانىسى 1 تىرىليون 960 مىليارد يۈەنگە ۋە تارايتىلغان نىسبىتى %21.1گە يەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر