باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى: ئازاب ئوقۇبەتنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، كەلگۈسىگە يول ئاچايلى

2018.12.14 15:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى «ئازاپ-ئوقۇبەتنى ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاپ، كەلگۈسىگە يول ئاچايلى» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلدى: 12-ئاينىڭ 13-كۈنى نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا قازا قىلغانلار 5- دۆلەت تەزىيە كۈنى. نەنجىڭ شەھىرىدە ياڭرىغان ئېچىنىشلىق گۈدۈك ئاۋازى قازا قىلغان قېرىنداشلارنى ياد ئېتىش، شۇنداقلا ياپونىيە مىلىتارىزىمىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە قارىتىلغان قاتتىق شىكايەت. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا ھايات قالغان 20 ئادەم ئالەمدىن ئۆتتى، ئەمما شۇ زۈلمەتلىك كۈنلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېسىدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى. بىز ئۇرۇشنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئازاب ئوقۇبەتتىن شانلىق سەھىپىگە قاراپ ماڭغاندا «ئارقىدا قالغانلار دۇمبا يەيدۇ» دېگەن تارىخىي ساۋاقنى ھەرگىز ئۇنۇتمايمىز، بۈگۈنكى ئاسان قولغا كەلمىگەن ياخشى كۈنىمىزنى تېخىمۇ قەدىرلەيمىز. ئېسىمىزدە مەھكەم ساقلاش يولغا تېخىمۇ ياخشى ئاتلىنىش ئۈچۈندۇر، تارىخىي ساۋاقلاردىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىققاندىلا، قازا قىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا تەسەللىي بېرەلەيمىز، تېخىمۇ گۈزەل ئەتىگە يول ئاچالايمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر