- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مائارىپ مىنىستىرلىقى: جايلار مەكتەپلەرنىڭ سىرتىدىكى مەسىلە بايقالغان تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن 210 مىڭدىن كۆپرەكنى تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتتى
2018.12.07 16:38 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
مۇخبىرنىڭ 12-ئاينىڭ 5-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقىشىچە، جايلارنىڭ يۇقىرىغا سۇنغان سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگە قەدەر مەملىكەت بويىچە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىن 401 مىڭ 50 ى تەكشۈرۈلگەن، 272 مىڭ 842 سىدە مەسىلە بايقالغان، 211 مىڭ 225 ى تەرتىكە سېلىپ ئۆزگەرتىلگەن، تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتىپ بولۇش نىسبىتى %77.42 كە يەتكەن. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىقى بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، خەلق ئىشلىرى، ئادەم كۈچى بايلىقى، جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار بىلەن جايلارنىڭ تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىشىگە داۋاملىق ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەرتىپكە سېلىپ ئۆزگەرتىش ۋەزىپىسىنى ئۆز مۇددىتىدە تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر