باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمەلىيەتتىن كېلىپ ئەمەلىيەتكە قايتىش

___ «يېڭى ئىدىيە ئەمەلىيەتتىن بارلىققا كېلىدۇ» ناملىق چاتما خەۋەرنىڭ ئىلھامى بىلەن

2018.10.08 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ ھەر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنىدە، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن خۇشاللىققا چۆمۈش بىلەن بىرگە، جاپا ۋە شان-شەرەپ مۇجەسسەملەنگەن كۈرەشلەر ئىختىيارسىز يادىمىزغا كېلىدۇ.

  «بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ»، «كۈرەشنىڭ ئۆزى بىر بەخت»... بۇ قېتىملىق دۆلەت بايرىمىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈرەش قىلىش توغرىسىدىكى ئالتۇن جۈملىلىرى ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ، كىشىلەرنى تەسىرلەندۈردى ۋە ئىلھاملاندۇردى.

  باش شۇجى بايان قىلغان كۈرەش قىلىش بەخت قارشى مىليونلىغان خەلقنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ئارزۇ تۇرغۇزۇش، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىش، كۈرەش قىلىپ ئارزۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتەك قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

  9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، «خەلق گېزىتى» 1-بەتتە «يېڭى ئىدىيە ئەمەلىيەتتىن بارلىققا كېلىدۇ» ناملىق چاتما خەۋەرنى يولغا قويۇپ، مۇخبىرلار نەق مەيدانغا بېرىپ زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، نامرات تاغلىق كەنتلەردىن ئاۋات شەھەرلەرگىچە، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە دۆلەت ئىچى-سىرتىگىچە، تىرىشىپ يېڭى ئىدىيەنىڭ شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش ئەمەلىيەت ئىزىنى ئىزدىدى.

  «بارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش ماھىيەتتە ئەمەلىيەتتىن كېلىدۇ»، نەزەرىيە ئەمەلىيەتتىن بارلىققا كېلىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا تەسىر كۆرسەتكەندىلا، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. مۇخبىرلار زىيارەت جەريانىدا ھەر قايسى جەھەتلەردىن يېڭى ئىدىيەنىڭ مول ئەمەلىيەت ئاساسى، چوڭقۇر تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسىنى، ئىلمىي نەزەرىيە ئېلىپ كەلگەن غايەت زور ئۆزگىرىش، ئۇلۇغ كۈچنى ھېس قىلدى.

  يېڭى ئىدىيە ئەمەلىيەتنى چوڭقۇر ئىگىلىگەنلىكتىن كېلىدۇ

  مەنبەسى چوڭقۇر دەريا يىراق جايلارغا ئېقىپ بارالايدۇ، چوڭقۇر يىلتىز تارتقان دەرەخنىڭ شاخلىرى باراقسان بولىدۇ.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ھارماي-تالماي ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ئىزدىنىشتىن كەلگەن، ئۇنىڭدا تارىخىي نەزەر، پۇختا تەپەككۇر، چوڭقۇر كۆزىتىش ۋە كەڭ قورساقلىق نامايان قىلىنغان.

  زىيارەت داۋامىدا داۋاملىق مۇنداق سانلارنى ئاڭلىدۇق ــ

  «جېڭدىڭدا خىزمەت قىلغان 1000 كۈندىن ئارتۇق ۋاقىتتا، ئۇ پۈتۈن ناھىيەدىكى 25 گۇڭشې، 221 چوڭ ئەترەتكە باردى»؛

  «ئۇ نىڭدېدىكى 124 يېزا-بازارنىڭ 123ىگە باردى، ئۇنىڭ بىلەن بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بارساق، بىر يىلدا ئۈچ، تۆت جۈپ ئاياقنى يىرتىپ بولىمىز»؛

  «جېجياڭدا خىزمەت قىلغان ئالتە يىلدا، ئۇ بارلىق ناھىيە، شەھەر رايونلىرىغا باردى»؛

  «ئۇ شاڭخەيدە پەقەت يەتتە ئاي خىزمەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن شەھەردىكى 19 رايون، ناھىيەنى توختىماي كۆزدىن كەچۈردى»...زىيارەت داۋامىدا يەنە مۇنداق ھېكايىلەرنى ئاڭلىدۇق ــ

  «ئەينى يىلى ئۇ يېزىغا چۈشكەندە دائىم ۋېلىسىپىت مىنەتتى»؛

  «ئۇ يامغۇرغا قارىماي پاتقاق كېچىپ چاي ئېتىزىنى كۆرگىلى باردى»؛

  «ئىسسىپ كەتسە بوينىغا ئارتىۋالغان لۆڭگىدە تەرىنى سۈرتەتتى»؛

  «ئۇ ئىككى سائەتتىن ئارتۇق ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغاندىن كېيىن، يەنە ئىككى سائەتتىن ئارتۇق تاغ يولىدا ماڭدى»...

  ئاساسىي قاتلام ئەڭ ياخشى دەرسخانا، ئەمەلىيەت ئەڭ ياخشى دەرسلىك، ئامما ئەڭ ياخشى ئوقۇتقۇچى. شى جىنپىڭ ئىلگىرى لياڭجياخېدىكى يەتتە يىللىق يېزىغا چۈشۈش تۇرمۇشىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن نېمىنىڭ ئەمەلىيەت، نېمىنىڭ ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، نېمىنىڭ ئامما ئىكەنلىكىنى بىلدىم، بۇ ماڭا بىر ئۆمۈر پايدا يەتكۈزىدىغان نەرسىلەر.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر