باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى

ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن چاقىرىققا بىنائەن ئارمىيەگە تىزىملاتقان ۋە ئارمىيەگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ھەسسىلەپ ئاشتى

پۈتۈن ئارمىيەدە يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى خاراكتېرلىك ھەربىي مەشىق ۋە ماھارەت سىنىشىش چوڭ دولقۇنى پەيدا بولدى

2018.09.28 15:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-سېنتەبىر چۈشتىن كېيىن، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنى ئۆتكۈزدى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  رېن گوچياڭ ئاۋۋال تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈچ خەۋەرنى ئېلان قىلدى: بىرىنچى خەۋەر، بۇ يىل ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە، يېشىغا توشقان ياشلارنىڭ دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ھەربىي سەپكە قاتناشماقچى بولغان ۋە ۋەتەن يولىدا جان پىدا يەتكۈزمەكچى بولغان قىزغىنلىقى داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىمەكتە، بولۇپمۇ ئارمىيەگە تىزىملاتقان ۋە ئارمىيەگە قاتناشماقچى بولغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانىدا «قوش ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئەسكەر قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى، سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. جايلاردا بەس-بەستە ھەربىيلىككە قاتناشقانلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى چىقىرىلدى، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھەربىي كەسپىنى ھۆرمەتلەيدىغان كەيپىيات تېخىمۇ قويۇقلاشتى. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش، ئارمىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلدى، پاكلىق بىلەن ئەسكەر قوبۇل قىلىش ۋە ئەسكەر قوبۇل قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەر قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىنىڭ قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە، كۈچلۈك ۋە ئۈنۈملۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدى. ئىككىنچى خەۋەر، 10- ئاينىڭ 24- كۈنىدىن 26-كۈنىگىچە، جۇڭگو ھەربىي پەنلەر ئىلمىي جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو خەلقئارا ئىستراتېگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان 8 - نۆۋەتلىك بېيجىڭ-شياڭشەن مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. 20 - سېنتەبىرگىچە، قاتنىشىشقا تىزىمغا ئالدۇرغان دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات 30 نەچچىگە يەتتى. ئۈچىنچى خەۋەر، قوراللىق ساقچى قىسىم 10- ئاينىڭ 18- كۈنىدىن 22- كۈنىگىچە 2 - نۆۋەتلىك «ھالاك قىلغۇچى» ناملىق خەلقئارا مەرگەنلەرنىڭ قارىغا ئېتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر