باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سودا مىنىستىرلىقى: ئامېرىكىنىڭ لىمىتلىق بېسىمى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىنى كەينىگە چېكىندۈرىۋېتەلمەيدۇ

2018.09.28 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى گاۋ فېڭ 27- چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك قىلىپ لىمىتلىق بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى جۇڭگونى ھەرگىزمۇ قورقۇتالمايدۇ، ھەرگىزمۇ ئالدىراپ جۇڭگو ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيدۇ. ئەكسىچە، بىز خىرىسنى تەرەققىياتتىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمىز ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

  گاۋ فېڭ سودا مىنىستىرلىقىنىڭ شۇ كۈنى ئېچىلغان رەسمىيەتلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا تۆۋەندىكىلەرنى بىلدۈردى: ئامېرىكا يېقىنقى مەزگىلدە جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان ۋە قىممىتى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشىدىغان بەزى تاۋارلىرىدىن %10 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئېلىش تەدبىرىنى رەسمىي يولغا قويدى، ھەمدە 2019- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىدىغان بەزى تاۋارلىرىدىن يەنە %25 تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئامېرىكا ھەتتا جۇڭگونىڭ بارلىق تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى قوشۇپ ئالىدىغانلىق پارىڭىنىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، بىزگە تەھدىت سالدى.

  گاۋ فېڭ يەنە ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ ھە دېگەندە گېپىدىن يېنىۋالىدىغان بۇ خىل قىلمىشىنىڭ ھەقىقىي غەرىزى جۇڭگو تەرەپكە تېخى ئېنىق ئەمەس، ھەمدە جۇڭگو تەرەپ سودا مەسىلىسىنىڭ سىياسىي مەسىلىگە ئايلىنىپ كېتىشىنىمۇ خالىمايدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىگە كەلسەك، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇنىڭغا قارىتا سۆھبەت دەرۋازىسى ئىزچىل رەۋىشتە ئوچۇق، بىراق سۆھبەت چوقۇم سەمىمىي بولۇش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىش، ۋەدىدە تۇرۇش ئاساسىدا بولۇشى كېرەك. كېڭىشىش بولامدۇ-بولمامدۇ، سۆھبەت قاچان ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا باغلىق.

  ئۇ يەنە ئىپادە بىلدۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەن ئامېرىكىنىڭ ۋەزىيەتنى ئېنىق تونۇپ، جۇڭگونىڭ ئىرادىسىنى، ئىشەنچىسىنى ۋە ئىقتىدارىنى سەل چاغلىماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. بىز پەقەت خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئاساسىي مىزانى بويىچە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا جۇڭگو-ئامېرىكا ئىقتىساد-سودا سۈركىلىشىنى كېڭىشىش ئارقىلىق مۇۋاپىق ھەل قىلىشىمىز كېرەك. پەقەت بۇلا ئاندىن ئىككى دۆلەت ئىقتىسادى ۋە دۇنيا ئىقتىسادىنى ساغلام ۋە مۇقىم راۋاجلاندۇرۇشتىكى توغرا تاللاشتۇر.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر